ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دىلشات خالىق

日期:2019年02月28日
来源:天山网
【字体:

بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مەن يېڭى دەۋر يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممەمگە ئېلىپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن مېھرىم بىلەن ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيمەن، كۈچ توپلايمەن.

«ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز جەزمەن ئىككى كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، سىياسەت ئۆگىنىپ، قانۇن ئۆگىنىپ، ئىلىم-پەن ئۆگىنىپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىپ، دادىللىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئوت ئېچىپ، باتۇرلۇق بىلەن تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ قۇۋلۇق-شۇملۇقلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز، ھاياتىمىز ئارقىلىق بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.

دەرەخنىڭ قىممىتى مېۋىسىدە، ئادەمنىڭ قىممىتى تۆھپىسىدە. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر بىلىمەن. ھەربىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسى، ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى، ھەممەيلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالىتى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

ئەرزىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ساداسىنى بىرىنچى سىگنال قىلىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇشىنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىنى بىرىنچى ۋاقىتتا، بىرىنچى ئورۇندا ياخشى ھەل قىلىپ، ياخشى پەسەيتىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدايمەن. خىزمەتنىڭ شەكلى، ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭچە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئېتىز-ئېرىق بېشىدا، ئاممىنىڭ ئۆيىدە زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىۋى خىزمەتنى كەنتلەرگىچە، ئاممىنىڭ ئۆيىگىچە، پۇقرالارنىڭ قەلبىگىچە ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جان-دىل بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئەڭ زور چەكتە ئىلگىرى سۈرىمەن.