ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن

قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلىكىم ئابدۇمىجىت

日期:2019年02月26日
来源:天山网
【字体:

مەن قاراقاشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يۇرتىمىزدا بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم.

2015-يىلى 1-ئايدا، مەن نەنجىڭ، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، جۇخەي، خەينەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۆگەندىم. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك بازاردىن كەلگەن ماڭا ئوخشاش بىر ياش ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇ قەدەر يېڭى ۋە مول جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. 2018-يىلى 9-ئايدا، مەن يەنە جېجياڭغا بېرىپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، نۇرغۇن ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىغا ئىگە ئۇستازلار بىلەن ئۇچراشتىم، پەن ساھەسىدىكى بەزى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر، داڭلىق پىروفېسسورلارنىڭ لېكسىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ مول بىلىمى، كەڭ نەزەر دائىرىسى، كەڭ قەلبى، جاپادىن قورقماي تىرىشىپ كۈرەش قىلىش جاسارىتى مېنى چوڭقۇر قايىل قىلدى.

يۇرتۇمنىڭ جەمئىيەت قىياپىتى بىلەن ئىچكىرى جايلارنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ، قەلبىم ئۇزاققىچە ئۆرتەندى. كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شۇنى تەدرىجىي بىلىپ يەتتىمكى: بىزنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىمىز دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمەپتۇ، مۇتەئەسسىپ، كونا ئەنئەنىلەرگە ئېسىلىۋالىدىغان پىسخىكىلىق ھالەت ھەمدە قالاق، بېكىنمە ئىدىيەۋى ئاڭ خۇددى بىر شەكىلسىز كىشەندەك ئاممىنىڭ كاللىسىنى چىڭ چۈشەپ قويۇپتۇ، خۇددى بىر چوڭ تاشتەك بىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسۇۋاپتۇ.

خۇشاللىنىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا بىر مەيدان ئىدىيەدە ئازاد بولۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى باھار يامغۇرىدەك بۇ بىپايان تۇپراقنى پاكلىماقتا، ئاممىنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغارماقتا.

ئىدىيەلەر توقۇنۇشىدىغان بۇ بىر مەيدان كۈرەشتە، بىز كەڭ ياشلار باتۇرلۇق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئىدىيەمىزنى چۈشەپ قويغان كىشەننى باشلامچىلىق بىلەن بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك.

بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئىگىلىشىمىز كېرەك. بىز قالاقلىق ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ، يۈرەكلىك ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دۆلەت ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئېقىنىغا قوشۇلۇشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەش، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشتىن كېلىدۇ. ئۇلۇغ ۋەتەن، ئۇلۇغ دەۋر بىزنى ئۆسۈپ يېتىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىدىغان پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، ئاچقۇچلۇقى بىز ئىگىلەشنى ۋە قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كېرەك. ھازىر نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمايدىغانلار يوق، يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، ئىلىم سارىيىنىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر بىز ئۈچۈن كەڭ ئېچىۋېتىلگەن. شۇڭا، بىز زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشنى بىر خىل كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ۋە ئىنتىلىشى قىلىپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە بىلىملەرنى تىرىشىپ قوبۇل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

بىز دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىزنىڭ دۇنيانى تونۇشىمىز، بىلىم ئىگىلىشىمىز، ساپانى ئۆستۈرۈشىمىز، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشىمىزدىكى ئالتۇن ئاچقۇچ. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئۆز ئەقىل-پاراسىتىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالايمىز، ئاندىن تېخىمۇ چوڭ كىشىلىك تۇرمۇش سەھنىسىنى تاپالايمىز.