ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمەن

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئابلىكىم ئابدۇللا

日期:2019年02月22日
来源:天山网
【字体:

دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بىر تۈركۈم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ماقالىلىرى خۇددى خەنجەرگە ۋە نەيزىگە ئوخشاش «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگدى. مەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، «ئىدىيەدە چوڭ تازىلىق» قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بىر مەيدان «روھىمنى پاكلاش» ئېلىپ بارىمەن.

مەن بىر مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادام ھايات چېغىدا ئۈچ گەز مۇنبەردە داۋلى، ئىلىم ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش تېمىسىدىكى نۇرغۇن شېئىرىي ئەسەر ئىجاد قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ۋەتەننى قىزغىن سۆيىمەن» «سۆيۈملۈك ماۋجۇشى» «پارتىيەگە مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرى تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا. كىچىك چېغىمدا دادام ماڭا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ئۇلۇغ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەققىدە تەربىيە بېرەتتى، يەنە ماڭا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگەتكەنىدى، دادامنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشى ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، مەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىياسىي-قانۇن، مائارىپ قاتارلىق تارماقلاردا مۇھىم ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا سىياسىيدا قەتئىي، پارتىيەگە سادىق بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم.

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغان-ياۋىداق سۆز، سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يامان غەرەز بىلەن «مۇسۇلمانچە» دېگەن ئۇقۇمنى كۆپتۈرۈپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

ئۇيغۇر مىللىتىنى مۇسۇلمان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ، تۇغۇلۇشىدىنلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئەمەس، ھېچكىم دىنىي ئېتىقاد بەلگىسى ۋە تامغىسى بىلەن تۇغۇلغان ئەمەس. بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، ئاتېئىزمچى. مەن ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن، تېخىمۇ مۇھىمى مۇسۇلمان ئەمەس. نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «پان مۇسۇلمانچىلاشتۇرۇش» كىشىلەرنى ئىدىيە قەپىزىگە سولاپ قويدى، بۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا پايدىسىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىشىگە پايدىسىز، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا پايدىسىز. بىز «پان مۇسۇلمانچىلاشتۇرۇش» توزىقىدىن سەكرەپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «پان مۇسۇلمانچىلاشتۇرۇش»نىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

بىرلىك سەپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقاتى، قانۇننى چۈشەندۈرۈش تەشۋىقاتى قاتارلىق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق- تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا يېتەكلەيمەن.