ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن

ئاتۇش شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئوسمانجان قۇربان

日期:2019年02月21日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر يەرلىك ئاتۇشلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن روھلاندىم. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللىي زىددىيەت تۇغدۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

بۇ يەردە، مەن كەسكىنلىك بىلەن ۋەدە بېرىمەنكى:

سىياسىي مەيدانىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش، دائىملاشقان مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەرگىز دۈشمەن كۈچلەرگە ھېچقانداق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن.

مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. سىياسىي ئىرادەمنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن.

ئۆز قۇرۇلۇشۇمنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىمنى ياخشىلايمەن. «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىگە ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن.