1-شۇجى كەنتتىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا...

日期:2021年01月26日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يىمىڭ خەۋىرى) ليۇ گاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باي ناھىيەسى سايرام بازىرى شور مەھەللىسى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ سابىق ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۇ تۆت يىللىق كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ليۇ گاڭنىڭ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شور مەھەللىسى كەنتىدىكىلەر ئۆزلۈكىدىن كەنت ئېغىزىغا كېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى.

«سىز بىزگە بەك كۆپ ياردەم قىلدىڭىز... » «پات-پات كېلىپ تۇرۇڭ...» «بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ... » كەنت ئاھالىلىرى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ليۇ گاڭغا كۆزى قىيمىغان ھالدا شۇنداق دېدى، ليۇ گاڭ كەنت ئاھالىلىرىگە كۆڭلىگە ئىزچىل پۈكۈپ يۈرگەن ئىشلارنى ئېسىدە تۇتۇشنى تاپىلىدى: «سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ... »، «تور تاكسى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى قىلىڭ... »

كەنتتە تۇرغان تۆت يىلدا، ليۇ گاڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدىمۇ-ئىشلىمىدىمۇ؟ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇرمۇ-چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ كەنت ئېغىزىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇزىتىش قوشۇنىدىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيالماسلىق ھەم مىننەتدارلىق نەزەرلىرىدىن، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىمداپ تۇرغان جۈپ-جۈپ قوللاردىن، چوڭقۇر مۇھەببەتلىك قۇچاقلاشلاردىن، قىيالماسلىق ئىلكىدە چۈشۈۋاتقان خاتىرە سۈرەتلەردىن بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقىلى بولىدۇ.

2017-يىلى شور مەھەللىسى كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، ليۇ گاڭ ۋە بارلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىرلىكتە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شور مەھەللىسى كەنتىنىڭ 2018-يىلى 10-ئايدا پۈتۈن كەنت بويىچە نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. 2019-يىلى، شور مەھەللىسى كەنتىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 10 مىڭ 645 يۈەنگە، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 138 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بارلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

2019-يىلى، ليۇ گاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى — يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، شۇ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ليۇ گاڭغا 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ نام بەردى.

(سىننى باي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەمىنلىگەن)