غەيرەتنىڭ يېڭى بېيىش يولى بار بولدى

日期:2021年01月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر رېن يۈجۈەن خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى توقسۇن يېزىسى ئاراتۇر كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى غەيرەت ياسىننى كۆرگەندە، ئۇ توخۇ كاتىكىدە توخۇ بېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

مۇخبىرنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، غەيرەت ياسىن ئىلگىرى قېزىش ماشىنىسى ھەيدىگەن بولۇپ، يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. بۇلتۇر، غەيرەت ياسىن ئۆيىدە توخۇ بېقىشنى سىناپ باقماقچى بولغان. ئۇنىڭ قارارى جۇڭگو بانكىسى باي تارماق بانكىسىنىڭ ئاراتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. خىزمەت ئەترىتى توخۇ فېرمىسىنى قانداق قۇرۇش، قانداق جايدىن چۈجە سېتىۋېلىشتىن تارتىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكىچە پۈتۈن جەريانغا قاتنىشىپ، پائال يېتەكلىگەن.

غەيرەت ياسىن ئۈچ ئايغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى توخۇلار كاتەكتىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 300 چۈجىنى سېتىۋېلىپ بېقىشقا باشلاپ، يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، بەس-بەستە ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆگەندى، غەيرەت ياسىنمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتتى.

غەيرەت ياسىننىڭ تۈرتكىسىدە، ئاراتۇر كەنتىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارمۇ توخۇ بېقىش سېپىگە قوشۇلدى.

كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ھەسەننىڭ دېيىشىچە، توخۇ بېقىشنىڭ ئۈنۈمى تېز ئىكەن، غەيرەت ياسىننىڭ توخۇ بېقىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ھويلىسىدا توخۇ بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدى. ھازىر توخۇ فېرمىسى قۇرۇلۇپ، غەيرەت ياسىننىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

ياڭ رۇڭگو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى كالا بېقىش، قوي بېقىش ئىدى، ھازىر غەيرەت ياسىن يەنە كۆپچىلىكنىڭ توخۇ بېقىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاراتۇر كەنتىنىڭ ھازىرقىدەك كۆپ خىل باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنىڭ جەزمەن تېخىمۇ مۇقىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».