【ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش】كېرەمنىڭ «ئارزۇ تىزىملىكى» ئەمەلگە ئاشتى

日期:2020年10月28日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، پىدائىيلار دېھقانلارغا ياردەملىشىپ يېڭى پاختىنى تېرىشىپ بەردى. چەرچەن ناھىيەلىك سۈپەتلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنىڭ 6700 مو كېۋىزىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى،چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ يېڭى پاختىلارنى تېرىۋېلىشىغا ياردەملەشتى. (لى پېڭيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلمىرە مۇسا خەۋەر قىلىدۇ:) «مۇقىم خىزمەتكە ئىگە بولۇپ، خوتۇنۇمغا بىر كىچىك دۇكان ئېچىپ بېرىمەن، يەنە ئازراق كالا، قوي ۋە ئۆي قۇشلىرى باقىمەن ...» بۇ بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى چارۋىچىلىق كەنتىدىكى دېھقان كېرەم ئىبراھىمنىڭ «ئارزۇ تىزىملىكى»دۇر. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ «ئارزۇ تىزىملىكى» ئەمەلگە ئاشتى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، كېرەم ئائىلىسىدىكى تۆت جان تۇرمۇشىنى باشقىلارغا ياردەملىشىپ مال بېقىش بىلەن قامدايتتى، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. «باشقىلارغا ياردەملىشىپ مال باققان ئاشۇ يىللاردا، ئۆيدىكىلەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمەي، ئائىلىمىز كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى» دېدى كېرەم 9-ئاينىڭ 12-كۈنى.

2018-يىلى 1-ئايدا، بۈگۈر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم»قوزغىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى، دەل بۇ قېتىمقى تەشۋىقات كېرەمدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

«كېرەم، سېنىڭ بىرەر ئارزۇيۇڭ بارمۇ؟»

«مېنىڭ كارخانىدا ئىشلىگۈم، خوتۇنۇمغادۇكان ئېچىپ بەرگۈم بار، مېنىڭ يەنە كالا، قوي، توخۇ باققۇم بار...»

«ياخشى! ياخشى! ياخشى! سىلەر جاپاغا چىداپ ئىشلىسەڭلارلا، خىزمەت ئەترىتى ئارزۇيۇڭلارنى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ».

ناھايىتى تېزلا، كېرەمنىڭ «ئارزۇ تىزىملىكى»نى خىزمەت ئەترىتى نۇقتىلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزدى، ئۇلار كېرەمنىڭ ئارزۇسىنى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە بەل باغلىدى.

«كېرەم، سەن چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى ئىدىڭغۇ؟ ھازىر ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتى بار، قىلامسەن؟»

«قىلىمەن! چوقۇم قىلىمەن، لېكىن قوتان يوق قانداق قىلارمەن؟» 

«ئۇنداقتا سەن ئىلتىماس يازغىن، دەل نامراتلارنى يۆلەش قوتان تۈرى بار».

چارۋىچىلىق كەنتىدىكى ھەممە ئائىلە باقمىچىلىق ماھىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەبىئىيلا چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. كېرەم تۇنجى بولۇپ خىزمەت ئەترىتىگە قوتان سېلىش ئىلتىماسى سۇندى. نامراتلارنى يۆلەش قوتان تۈرى ناھايىتى تېزلا تەستىقلاندى. قوتان پۈتكەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا، بىر تۇياق نامراتلارنى يۆلەش ئىنىكى، 10 تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويى، بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆلەش چۈجىسى قوتانغا كىرگۈزۈلدى.

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، كېرەمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، كېيىنكى يىلى ئىنەك ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرنى موزايلىدى، نامراتلارنى يۆلەش قويى نەچچىنى قوزىلاپ، 10قوي 17گە ئۆزگەردى، چۈجىلەر ئاستا ـ ئاستا چوڭ بولۇپ، تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىدى...

ئارقا ـ ئارقىدىن خۇش خەۋەرلەر كەلدى. 2019-يىلى 3-ئايدا، خىزمەت ئەترىتى كېرەمنى ئۆيى بىلەن ئارىلىقى بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان رۈيتۇڭ پولات قۇرۇلما چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەشكە تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ئىشقا چۈشكەن تۇنجى ئېيىلا 3000 يۈەن مائاش ئالدى. كېرەم خۇشال بولۇپ، كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدى.

كېرەمنىڭ خوتۇنى ھەر كۈنى چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى باقسىمۇ، بوش ۋاقتى يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىدى، كېرەم يەنە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى خوتۇنىنىڭ ئىشىك ئالدىدا كىچىك دۇكان ئاچسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەقىل كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدى. خىزمەت ئەترىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز ئاز سوممىلىق قەرز ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ دۇكان ئېچىشتىكى مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇ يىل 3-ئايدا كېرەم ئائىلىسىنىڭ كىچىك دۇكىنى ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلىدى.

يېقىندا، بۈگۈر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس تۈرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېرەمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە، ئۇ كۆپچىلىكنى باشلاپ ئۆيىنىڭ ئىچى-سىرتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر، ئۆيىمىزدىكى قوي-كالىلار ناھايىتى تىمەن، خوراز، مېكىيانلار ناھايىتى سېمىز، ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش بەك ياخشى، خوتۇنىمنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى، ھەميېنىمىز تومپايدى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى».

ياخشى كۈنلەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم. پارتىيەنىڭ بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، كېرەم ئائىلىسىگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ «ئارزۇ تىزىملىكى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ ئاتلانماقتا.