ئاقسۇ شەھىرى: «خىزمەت ئەترىتى ياردەملەشكەچكە، كۆكتاتلار يېڭى پېتى بازارغا سېلىنىپ ياخشى باھادا سېتىلدى»

日期:2020年09月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن پېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلى تەيفاڭ فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ دولان تەۋەلىك رايونى باغۋەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار كۆكتاتچى تاڭ ۋەنگۈينىڭ كۆكتات پارنىكىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خاڭگا ئۈزۈشىگە ياردەملەشكەچكە، ۋاقتىدا سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇرالىدى.

تاڭ ۋەنگۈي ئائىلىسىنىڭ 5.5 مو پارنىكىدىكى خاڭگالارپىشتى، ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىش كېرەكئىدى. تاڭ ۋەنگۇينىڭ خوتۇنى جۇڭ گۇيچيۇڭنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت قىلالمايتتى، ئۇ ئۆزى يالغۇز تېخى يېتىشەلمەيتتى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەركىن توختى پارتىيەلىك كادىرلارنى باشلاپ كېلىپ خاڭگا ئۈزۈشكە ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 500 كىلوگرامغا يېقىن تىكەنلىك خاڭگاسىنىڭيېڭى پېتى بازارغا سېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، كۆكتاتچى تاڭ ۋەنگۈي كۆكتات پارنىكىدا خاڭگا ئۈزمەكتە.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى شەن يۈەن (ئالدىدا) بىلەن زاڭ جىنيۈن كۆكتاتچىلارنىڭ خاڭگا ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەركىن توختى كۆكتاتچىلارغا ياردەملىشىپ خاڭگا ئۈزمەكتە.

  9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كۆكتاتچىلار بىلەن بىللە ئۈزگەن خاڭگالارنى پارنىكتىن يۆتكەپ چىقىپ، سېتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.