ئاقسۇ شەھىرى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتى كىشى قەلبىنى ئىللىتتى

日期:2020年09月06日
来源:人民网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزخۇ شياۋشياۋ،ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزفەن گوڭپىڭخەۋىرى): «ناۋادا خىزمەت ئەترىتى مېنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتمىغان بولسا، بۇ قېتىميۈرەك كېسىلىم تۇيۇقسىز قوزغالدا، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىشىمۇمكىن ئىدى» دېدى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شياڭيۈن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئېزىز ھېلىم.

  60 ياشلىق ئېزىز ھېلىم يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ،تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنىمۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرەتتى. تېخى يېقىندىلا، ئېزىز ھېلىم ئۆيىنىڭ تار كوچىسىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئايلىنىپ چۈشكەن، قوشنىلىرى ئاقسۇ شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ شياڭيۈن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ليۇ ماۋشېڭغاتېلېفون بەرگەن، ئۇ دەرھال ئېزىز ھېلىمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ، ئېزىز ھېلىمنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بارغان ھەم يېنىدىن 2000 يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇلچىقىرىپ دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن.

  «سىزنىڭ ياخشى بولۇپ قالغىنىڭىزنى كۆرۈپ، ھەممىمىز ئىنتايىن خۇش بولدۇق». كېسەلخانىدا مەھەللە كادىرى نۇرنىسا شەيخ بىر تەرەپتىن ئېزىز ھېلىمغا سۇئىچكۈزۈپ، تاماق يېگۈزگەچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، ئاممىغا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. ليۇ شۇجى دائىم قاراشلىق رايوندىكى ياشانغان ئىگە-چاقىسىزلارغاگۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆكتات ئاپىرىپ بېرىدۇ، يەنە ئۇلارغا ياردەملىشىپ لىنىيەلەرنى ئوڭشاش، توك، گاز سېتىۋېلىش، ئوتۇن، كۆمۈر قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ياردەملىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى».

  «بىزنىڭ خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ئامما ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت» دېدى ليۇ ماۋشېڭ قەتئىيلىك بىلەن.