لازا تېرىپ لەززىتىنى تېتىش

日期:2020年08月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى،ئونسۇ، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ شىگاڭخەۋەر قىلىدۇ): ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى ئىشلەمچى كەنتى ئىلگىرى چىلان ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلاتتى، لېكىن بازارنىڭ ئۆزگىرىشى، پەرۋىشنىڭيىرىك بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يىلمۇيىل تۆۋەن ئورۇندا چۆرگىلەيتتى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئونسۇ ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ماكانلاشقاندىن كېيىن، تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن كەسپىي خادىملار تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: ئىشلەمچى كەنتىنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، لازا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىقكېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، تېرىغان لازىنىڭ سۈپىتى ياخشى، ھەمپىشقاندىن كېيىن شاخلىرىدا سۇ پارغا ئايلىنىپ، ئۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەم كۈچى ئاز كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىچىك لازا قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان ئاساسلىق زىرائەت بولۇپ قالدى.

«لازىنى نەگە ساتقىلى بولىدۇ؟» «ئەزەلدىن تېرىپ باقمىغان، زادى تېرىساق بولامدۇ-بولمامدۇ؟» «ھەممىسى لازا تېرىسا، باھاسى چۈشۈپ كېتەرمۇ؟» كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، چوڭ ئائىلىلەر باشلامچى بولۇش، تېخنىكىدا «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، لازا تېرىقچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. تېرىش ئارزۇسى بار دېھقانلارغا بىر تۇتاش سۇلياۋ يوپۇق، ئوغۇت تارقىتىپ بېرىپ، لازا سېتىلغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئاندىن دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى خىراجىتىنى تۆلەيدىغان بولدى.

«ئەينى چاغدا، خىزمەت ئەترىتى مېنىڭ باشلامچىلىق بىلەن لازىنى سىناق قىلىپ تېرىشىمنى ئۈمىد قىلدى ھەم تېخنىكىنى ھۆددىگە ئېلىش، سېتىشنى ھۆددىگە ئېلىشقا ۋەدە بەردى». كەنت ئاھالىسى ليۇ يۈەنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا كۆڭلۈمدە سان يوق ئىدى، ئىشقىلىپ نەچچە يىل ئىلگىرى ھېچقانداق پۇل تاپالمىغاچقا، سىناپ بېقىشنى قارار قىلدىم. 20 مو يەرنىسىناق قىلىپ تېرىغاندىن كېيىن، ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولدى». ئاز ساندىكى كەنت ئاھالىسى سىناق قىلىپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئىشلەمچى كەنتىنىڭ لازا تېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.

لازا ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسى ئۈستىدە توختالغاندا، كەنت ئاھالىسى مامۇت ئەخمەت مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تېخنىكا ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى، يەنە بىزنى ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرىگە ئاپىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. ھېسابلاپ كۆرسەك، لازىنىڭھاسىلاتىكۆپ، تەننەرخىتۆۋەن، ھەقىقەتەن تېرىشقا بولىدىكەن». بۇلتۇر ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ھېسابات قىلغاندا، بۇ ئاددىي-ساددا دېھقان كۆڭلىدە خۇشال بولدى: 30 مو يەرگە لازا تېرىپ، 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىپتىمەن.

بۇ يىل ئىشلەمچى كەنتىنىڭ لازا تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە ئاشتى. خەۋپ-خەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەنە گىلاس، ئامېرىكا شىڭلىسى قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى كىرگۈزۈپ، كۆپ خىللاشقان، پەرقلىق تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.

«بىزنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپىمىز داڭلىق ماركا يارىتىش». ئىشلەمچى كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى جاڭ جيەنخۇا مۇنداق دېدى:«كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، بىز قۇرۇتۇش، ئوراپ قاچىلاش، سېتىش ھالقىلىرىدىكى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتتۇق ھەم بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن بىرتۇتاش سېتىش باھاسىنى ئىگىلىدۇق. لازا تېرىپ ‹لەززىتى›نى تېتىدۇق، كەنتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ‹ئالتۇن تۇخۇم›تۇغىدىغان مېكىيانغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى جاڭ جيەنخۇا.