جۇڭيى دورىسى تېرىقچىلىقى چوڭكارىز كەنتىنى بېيىشقا يېتەكلىدى

日期:2020年08月14日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى لىخەۋىرى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىسى چوڭكارىز كەنتىدىكى تۇرسۇن نىياز ئۆزىنىڭ يېڭىدىن تېرىغان سۆكسۆك مايسىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. بۇلتۇر، ئۇئۈچ مو يەرگە سۆكسۆك مايسىسى ۋە 10 مو يەرگە توشقان زەدىكى تېرىپ، سېتىش سوممىسى 168 مىڭ يۈەنگە يەتكەنىدى، بۇ خېلى كۆپ كىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىكۆرۈنەرلىك ئۆسكەن ئىدى.

  تۇپراق چۆللىشىپ كېتىش، سۇ ۋە تېخنىكا كەمچىل بولۇش، بېيىش ئىشەنچىكەمچىل بولۇش... ئىلگىرى چوڭكارىز كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا نۇرغۇن «پۇتلىكاشاڭ» بار ئىدى.

2018-يىلىنىڭ بېشىدا، ئىدىقۇت رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ چوڭكارىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ كەنتتىكى چۆللەشكەن يەردە قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، سۆكسۆك، توشقان زەدىكى قاتارلىقلارنى تېرىپ پەرۋىش قىلدى.

   بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈك بىر يىلدا پەقەت ئىككى قېتىم سۇغىرىلىدۇ، بەك كۆپ ئاسراش، پەرۋىش قىلىش ھاجەتسىز. ياخشى سۈپەتلىك توشقان زەدىكىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 30 يۈەندىن 60 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ، قۇرۇق مەھسۇلاتنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 150 يۈەندىن 180 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ.

  كەنت ئاھالىلىرىنى توشقان زەدىكى تېرىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى توشقان زەدىكى تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى، يەنە توشقان زەدىكى تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قەرەللىك قانات يايدۇردى.

  بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى سىناق قىلىپ بېقىش مەقسىتىدە سۆكسۆك يىلتىزىغا توشقان زەدىكىنى ئۇلاشقا باشلىدى، كەنت ئاھالىسى مىجىت باۋۇدۇن 2019-يىلى 100 مودىن ئارتۇق يەرگە توشقان زەدىكى تېرىغان بولۇپ، سېتىش كىرىمى 700 مىڭ يۈەندىن ئاشقانىدى. توشقان زەدىكى تېرىش ئارقىلىق مىجىت كەنتنىڭ بېيىش ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توشقان زەدىكى، سۆكسۆك كۆچىتى تىكىش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى.

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، چوڭكارىز كەنتىدە توشقان زەدىكى تېرىقچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، كەنتتىكى 400دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى توشقان زەدىكى تېرىپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 11 مىڭ مودىن ئاشتى.

  خىزمەت ئەترىتى چوڭكارىز كەنتىدىكى توشقان زەدىكى تېرىغۇچىلارنىڭ سىرتتىن سېتىۋالغان سۆكسۆك مايسىسىنىڭ تەننەرخىنىڭ يۇقىرى، ئەي بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۆزلىرى 80 مو كېلىدىغان يەرگە سۆكسۆك كۆچىتىنى سىناق قىلىپ تېرىپ نەتىجە قازاندى، بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۆكسۆك تېرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى . 2019-يىلى، چوڭكارىز كەنتى جەمئىي 425 مو يەرگە سۆكسۆك مايسىسى تىكىپ، ھەر مو يەردىكى سۆكسۆك مايسىسىنىڭ ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى يەنە 2019-يىلى كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىم تۈرىنى زورايتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ 400 مو يەردىكى سۆكسۆك ئورمىنى (توشقان زەدىكى) بازىسى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇردى. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى مۇقىم مەبلەغ مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. 2021-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگىچە ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

  كەنت ئاھالىلىرىنى توشقان زەدىكى، سۆكسۆك كۆچىتى تىكىشكە يېتەكلەپ، كەنت قۇرغان كارخانىلارنى يۆلەپ، نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەمچىلىك قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى ... خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چوڭكارىز كەنتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى يېڭىلىدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كەنتتىكى ئاممىنىڭ بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  كەڭ كەتكەن ئاسفالت يول بىلەن كەنت، گۇرۇپپىلارغا ئۇدۇل بارغىلى بولىدۇ، رەتلىك سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر يول بويىدا قەد كۆتۈرۈپ، كەنت مەيدانى، باغچىلارغا قىزىل خىش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئوخشىغان زىرائەتلەر كەنتنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە چوڭكارىز كەنتى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى.

  «بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت نىشانىمىز توشقان زەدىكى كەسپى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. نۆۋەتتە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىككى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، توشقان زەدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىنىۋاتىدۇ. ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.» دېدى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چوڭكارىز كەنتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى قۇربان تۇرسۇن.