ساۋەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا يىغىپ سېتىشىغا ياردەملەشتى

日期:2020年08月13日
来源:人民网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزيەن ۋېنخۇا،جاڭ خۇاخەۋىرى): «خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە شوخلىنى ۋاقتىدا يىغىۋالغاچقا، زىيان بولمىدى، ئۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.» دېدى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ئەنجىخەي بازىرى نۇڭجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يىن دۇڭجۈن.

ھازىر قىيامغا ئىشلىتىلىدىغان شوخلىنى ئۈزىدىغان پەسىل، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساۋەن ناھىيەلىك يېزا سودا بانكىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى شوخلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە پىشقانلىقى، ۋاقتىدا يىغىۋېلىش كېرەكلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئىككى شوخلا يىغىش ماشىنىسى، ئالتە يۈك ئاپتوموبىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەكىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا يىغىۋېلىش ۋە يۆتكىشىگە ياردەم بەردى.

خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، شوخلىنى يىغىش، توشۇش، سېتىش ھالقىلىرىغا تەرتىپلىك قاتنىشىپ، شوخلا تېرىغان دېھقانلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. ھازىر بۇ كەنتتىكى 200 نەچچە مو يەردىكى شوخلىنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىندى.

«بۇ بىر نەچچە كۈندە، بىز پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئېتىزلارغا بېرىپ شوخلا تېرىغانلارنىڭ شوخلىلارنى يىغىۋېلىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق.» 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ يۈنجۈن مۇنداق دېدى: «شوخلىلاريىغىۋېلىنىپ سېتىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، بىزمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.»