ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسى كەنتنىڭ يېڭى سۈتىنى خىلۋەت تاغلىق رايوندىن سىرتقا چىقاردى

日期:2020年08月10日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، دۇڭفېڭ كەنتى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈچ نەپەر ئىشچى خىزمەت قىلماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ جۈنخەۋىرى، فوتوسى): «ئۆيدىكى يېڭى سۈتنى سېتىشتىن ئەمدى غەم قىلمايدىغان بولدۇم، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا زاۋۇت قۇرۇلدى، ھەر ئايدا يەنە 2000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئىشلەپ پۇل تېپىشقا دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.» ئۈرۈمچى ناھىيەسى گەنگوۋ يېزىسى دۇڭفېڭ كەنتىدە نەچچە ئون يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن كەنت ئاھالىسى مارىجانگۈل ئابىلخاق شۇنداق دېدى.

  دۇڭفېڭ كەنتى تاغلىق رايون كەنتى بولۇپ، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. كەنتتە ھەممە ئائىلىلەر دېگۈدەك مال باقىدۇ، لېكىن يېڭى سۈتلەرنى سىرتقا سېتىش يولى يوق ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى پەقەت «يەرلىك ئۇسۇل»غا تايىنىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ كەلگەن،بۇنىڭ بىلەن يېڭى «سۈت مەنبەسى» ئىزچىل خىلۋەت تاغلىق رايونغا «قاپسىلىپ» قالغان ئىدى.

  دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ دۇڭفېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى يې شۇاڭ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق كەنتتە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۈچ ئاي تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، رەسمىي ئىش باشلانغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى دۇڭفېڭ كەنتىنىڭ يېڭى سۈتىنى خىلۋەت تاغلىق رايوندىن چىقىرىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.