مەھەللە خادىملىرى يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارغا كۆكتات ۋە تاماق يەتكۈزۈپ بەردى

日期:2020年08月01日
来源:天山网
【字体:

  شىمىگورايونى شىنمىن شەرقىي كوچىسى رۇڭخۇي مەھەللىسىدىكى پىدائىيلاريالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزيۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرۋۇ نا) «فېڭ ئانا، بۈگۈن مەھەللىدە دۇفۇ قورۇغان، سىزمۇ تېتىپ بېقىڭ!»

  «فېڭ ئانا، ئاشخانىمىزدا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پولۇ قىپتۇ، تېتىپ بېقىڭ!»

  ...

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) گۇيلىن يولى مەھەللىسى يۈشىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى موماي فىڭ يۆخۇاھەركۈنى مەھەللە كادىرى تاڭ يىنىڭجاراڭلىق ئاۋازى ۋەئىشىكنىڭ چېكىلگىنىنىئاڭلايدۇ، «ياخشى بالام، ماڭا يەنە تاماق ئەكەلدىڭىزمۇ!»

  فىڭ يۆخۇا 70تىن ئاشقان بولۇپ، بالىلىرى يېنىدا ئەمەس. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدەئالاھىدە ئائىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى ۋە تەۋەلىك رايونىدىكى پىدائىيلار ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاشخانىدىكى دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچىنى ئىشلىتىپ، ھەركۈنى مومايغا تاماق يەتكۈزۈپ بەردى.

  دەسلەپتە، فېڭ يۆخۇا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا كېلىنىنى يېنىغا ئەكىلىپ بېرىشنىئېيتقانىدى. بىراق ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر تاڭ يى ئۇنىڭغا سەۋىرچانلىق بىلەن: «فېڭ ئانا، بىزمۇ كىلىنىڭىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىراق ھازىر ئالاھىدە مەزگىل، ئۇ كېلەلمەيدۇ، سىزنڭ تامىقىڭىزنى ھەل قىلىشھەممىدىن مۇھىم!» دەپ چۈشەندۈردى.

سايباغ رايونى گۈلىستان مەھەللىسى گۇاڭخۇي خۇيجىڭ ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق76 ياشلىق ليۇ لەنفېنمەھەللە ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغان كىشىلەر ئىچىدىكى بىرى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سايباغ رايونى يامالىق تېغى باشقۇرۇش كومىتېتى گۈلىستان مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ليۇ لەنفېڭغا كۆكتات، تۇخۇم، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى، تېرمومېتىر قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

  «بۇ بىر نەچچە كۈندە ھېلىمۇ ياخشىخىزمەت ئەترىتىمېنىڭ تۇرمۇشۇمدىنخەۋەر ئېلىپ تۇردى» دېدى ليۇ لەنفېڭ.

  ئۇ بىر تەرەپتىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغاندەك ھېس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىشىگە تەقەززا ئىدى، ليۇ لەنفېڭ ھەركۈنىخىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كېلىپ ئىشىكىنى چېكىشىنى ساقلايتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سايباغ رايونى يامالىق تېغى باشقۇرۇش كومىتېتى گۈلىستان مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجىرۇڭ گوۋېي مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قىيىنچىلىق مەزگىلدە ئاۋانگارتلىق رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك».

  شىمىگۇ رايونى شىنمىن شەرقىيكوچىسى رۇڭخۇي مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق فەن شيۇيىڭمەھەللە رەتكە تۇرغۇزغان يالغۇز تۇرىدىغان 29 نەپەر ياشانغان كىشى ئىچىدىكىبىرى، پىدائىيلار ھەركۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يېمەكلىككە دىققەت قىلىپ، ئۆزىنى ئاسرىشىنى، ئالاھىدە مەزگىلدە سىرتقا چىقىشقا بولمىغاچقا، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا مەھەللىگە تېلېفون قىلىشنى ئەسكەرتتى. «مەن 82 ياشقا كىردىم، پىدائىيلار ھەركۈنى كېلىپ ياردەم قىلىدۇ، ئۇلار بولسىلا، مەن يالغۇزلۇق ھېس قىلمايمەن» دېدى فەن شيۇيىڭ.