نامراتلارنى يۆلەش شوخلىسى بازار تاپتى

日期:2020年07月14日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىل، كۇچا شەھىرىياقا بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى كۇچا شۆبە بانكىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاقئېرىق كەنتىدىكى ئاھالىلەر نامراتلارنى يۆلەش پارنىكىدا شوخلا ئۆستۈردى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شوخلىدىنمول ھوسۇل ئېلىندى، بۇ شۆبەبانكىنىڭ مەسئۇلى بىرىنچى بولۇپ سېتىش يوللىرىنىئالاقىلىشىپ، بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شوخلا سېتىۋالىدىغان ئاپتوموبىل كەنتكە يېتىپ كېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 300 كىلوگىرام شوخلىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى. سۈرەتتە، يېقىندا ئاقئېرىق كەنتىدە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى كۇچا شۆبە بانكىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭشوخلىلارنى تاللاپ، قاچىلاپ، يۆتكىشىگە ياردەملەشتى. (جيەن شىنشۈەنفوتوسى)