​ئابا ئايۇپنىڭ بېيىش يولى

日期:2020年07月06日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزيۈ مېڭفەن):ئىلگىرى، قۇرغاق قۇملۇقنىڭ ۋە تۆۋەن ھوسۇللۇق بۇغداينىڭ ئابا ئايۇپقا ئېلىپ كەلگىنى نامرات تۇرمۇش بولغانىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋەككۇل يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىقىزىل رەڭ كەبى باياشاتچىلىقنى كۈتۈۋالدى.

پىگمېنتلىق لازا تېرىشئابا ئايۇپ تۇرۇشلۇق كەنتنى بىر يىلدىلانامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىنتېرىقچىلىق ئۇستىسىغا ئايلاندۇردى. «مەن لازىلارنى نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەرگە ساتتىم» دېدى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئابا ئايۇپ.

خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىتەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرىئېغىر نامرات كەنت ئىدى. ئىلگىرى، بۇ يەردە بۇغداي، كۆممىقۇناق قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىش ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەر مو يەردىن 150 كىلوگرامدىن 200 كىلوگرامغىچە ھوسۇل ئېلىناتتى، ھەر مو يەردىن ئالغان پايدا 600 يۈەندىن يۇقىرىراق ئىدى. 2014-يىلى، ئابا ئايۇپ ئائىلىسىدىكى بەش جان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قىلىپ بېكىتىلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتاچىقىش يولى تېپىش كېرەك. 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى شۈ يوۋلۇڭ مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپتەكشۈرتۈش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ كېچە بىلەن كۈندۈز تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ، يورۇقلۇق-ئىسسىقلىق بايلىقىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، مەخسۇس پىگمېنتى ئايرىۋېلىنىدىغان پىگمېنتلىق لازاتېرىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

«سورتىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، تېرىش تېخنىكىسى ۋە سېتىش يولى يېڭى قېيىنچىلىق بولۇپ قالدى»دېدى شۈ يۇۋلۇڭ.كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسى ئالدىدا، خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭ لۇڭپىڭ يۇقىرى تېخنىكا خۇڭئەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، شىركەت تېخنىكىدا يېتەكچىلىك قىلىدى، لازا مايسىسىنى توشۇش ھەققىياردەم پۇلىبەردى، ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، لازا سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى.

«بىزگە نىسبەتەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاشقاندىن باشقا، تەۋەككۇل يېزىسىنىڭكېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ئاز، يېشىلتېرىقچىلىق مۇھىتى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش بولدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ بىن.

شۇ يىلى كەنتتە سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان 600 مو پىگمېنتلىق لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مو بېشى كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشتى. ئۇنىڭدىن ئېلىنغان قىزىل پىگمېنت تەكشۈرۈشتە پۈتۈنلەي ئۆلچەمگە يەتتى. شىركەتنىڭ سېتىشمەسئۇلى جۇ شياڭلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پىگمېنتلىق لازىدىن ئايرىۋېلىنىدىغان قىزىل پىگمېنت دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى قاتاردىكى تەييار چۆپ، چىلىغان سەي، خوتۇيچاڭ، خوگو كارخانىلىرىغا تەمىنلىنىپلا قالماي، يەنەئىسپانىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىنىدۇ.

2019-يىلىيېزىدىكى 20 كەنتنىڭ 8000 مىڭ مو يېرىگە پىگمېنتلىق لازا تېرىلىپ، باغدۆڭ كەنتى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. 2020-يىلى تەۋەككۇل يېزىسىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پىگمېنتلىق لازا تېرىش كۆلىمى 30 مىڭ موغا يەتتى.

«سىز مەن تېرىغان لازىنى كۆرۈپ باقمىدىڭىز،سىز ئادەتتە يەيدىغان تەييار چۆپ، چىلىغان سەي قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئىچىدە، بىز تېرىغان لازىنىڭ قىزىل پىگمېنتى بار» دېدى ئابا ئايۇپ.

شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئىسسىق شارائىتى لازا سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى، ئۆسۈش جەريانىدا قىزىل پىگمېنتنىڭ تېخىمۇ ئاسان توپلىنىشىنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ شېڭباۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لازا تېرىلغۇ كۆلىمى بىر مىليون 100 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، پىگمېنتلىق لازا %70نى ئىگىلەيدۇ.

ئېلىمىزدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ بارغانسېرى چىڭىتىلىشىغا ئەگىشىپ، خىمىيەلىك بىرىكمە پىگمېنتىنىيېمەكلىك خۇرۇچى ئورنىدا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولدى، دۆلەت ئىچىدە پىگمېنتلىق لازىغا بولغان ئېھتىياج يۇقىرى، شۇڭا پىگمېنتلىق لازىنىڭ بازار ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر شىنجاڭدايەنجى ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى تۆت ناھىيە، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارمۇ پىگمېنتلىق لازا تېرىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 ئەمدىلىكتە، ئابا ئايۇپ يېزىنىڭ لازا ئۆستۈرۈش تېخنىكىلىقىغاتەكلىپ قىلىندى. مائاشىغا لازا تېرىش ۋە مايسا يېتىشتۈرۈشتىن قىلغان كىرىمىنى قوشقاندا، ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇ يېتەكلىگەنكەنت ئاھالىلىرى ئۇنى «ئابا مۇئەللىم» دەپ چاقىرغاندا، ئۇ ئۆزىدىن تولىمۇ پەخىرلەندى.