سۇ توسمىسى ياسىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ سۇغىرىش ئەندىشىسى ھەل قىلىندى

日期:2020年06月29日
来源:天山网
【字体:

بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى:6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىسى بورت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى يىغىپ، ماشىنا ئارقىلىق ئاددىي توسما ياسىدى. يېقىندا، بورت كەنتىنىڭ تاغلىق رايونىدا ھۆل-يېغىن ئاز كۆرۈلگەنلىكتىن، ئاساسلىق دەريالاردىكى سۇ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازىيىپ كەتتى. چارۋىچىلارنىڭ يەم-خەشەك تېرىلغان ئېتىزلىرىنى سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئاددىيتوسمىدىن بىرنى ياساشنى قارار قىلدى. توسما ياسالغاندىن كېيىن، سۇ ئورنى ئۆرلەپ، ئاساسلىق دەريالارنىڭ سۇ مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈلدى.(ئىختىيارىي مۇخبىرۋۇ لەنخەۋىرى،لى لۇلۇفوتوسى)