قەشقەر شەھىرى: «چوپان» كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ «بېيىش ناخشىسى» ياڭراتتى

日期:2020年05月29日
来源:天山网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار:چاڭ ياپىڭ،خوۋ يەنخۇڭخەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن مامۇتيېڭى تۇغۇلغان قوزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.

  نەچچە يىل ئىلگىرى، ياسىن مامۇت بىر تىرانسىپورت شوپۇرى ئىدى. «مەن 2007-يىلىدىن باشلاپ شوپۇرلۇق قىلغان، 2013-يىلى ئۆزۈمنىڭ بەش ئاممىۋى ئاپتوبۇسۇمنى سېتىۋېتىپ، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇم.» ھەمكارلىق كوپىراتىپى 1000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن يەرنى ئىگىلىگەنبولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى، ئىشخانا قاتارلىقلار رەتلىك سېلىنغانىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى 6-ئايدا، ياسىن مامۇتئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلگەن،ئۇ ئۆز ھويلىسىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، دېھقانلار ئارامگاھىقۇرۇشنى، يۇرتداشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ ھويلا-ئارانئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  «ياسىن مامۇتنىڭ ئويى شىنجاڭ خۇادىيەن قەشقەر تېرمو ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دۆڭئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار ياسىن مامۇتقا 60 مىڭ يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى بەردى،ئۇنىڭ ھەمكارلىقكوپىراتىپى ئارقىلىقتېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنىئۈمىد قىلىمەن» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېي.

  ياسىن مامۇت ئىلگىرى چارۋا ئېلىپ سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققاچقا، چارۋا قوتىنىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق قوينى سېتىۋېلىپ باقمىچىلىق قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بەش نەپەر نامرات ئاھالىنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىدىغان 12 كەنت ئاھالىسىنىڭ 185 قويىنى ۋاكالىتەن بېقىپ بەردى.

  باققان قوينىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قوي قوتىنىنىڭكۆلىمىتەدرىجىي كېڭەيدى. «ھەمكارلىقكوپىراتىپىمىزكەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۈچ يىللىق ۋاكالىتەن بېقىش توختامى ئىمزالىدۇق، قوينىڭ پايدىسى سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ، ئۈچ يىل ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق توختاملاشساق بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىسىرتقا ئىشلىگىلى چىققانداقويلىرىغا قارايدىغان ئادەم بولماسلىقتەك مەسىلىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ياسىن مامۇت.

  كېيىن، ياسىن مامۇت يەنە ئالدى ھويلىسىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. «بىزنىڭ يەنە 500 مو يېڭى تېرىلغۇ يېرىمىز بار، كەلگۈسىدە شاپتۇل، ئۆرۈك قاتارلىقلارنى تېرىيمىز. يەنە ئاز-تولابېدە، بۇغداي قاتارلىقلارنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ يەم-خەشەك قىلىمىز. ھەمكارلىق كوپىراتىپى مېۋە ئۈزۈش، دېھقانلار ئارامگاھىنى بىر گەۋدە قىلغانخاس ئىستىراھەت ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ».