كۆكتوقاي ناھىيەسى: ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

日期:2020年05月28日
来源:天山网
【字体:

«ئۆزىمىز ئۇيۇتقان قېتىق، ئۆزىمىز ياسىغان قۇرۇت، قارىقات مۇرابباسىغا ئېغىز تىگىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەر ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.» يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرجان مۇراتبېك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزى ئوبراز ۋەكىلى بولدى.

  بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن نۇرجان مۇراتبېك سېپى ئۆزىدىنقازاق قىزىبولۇپ، كەنتنىڭ مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى ئېتىش ماھىرى، ئۇنىڭ قولىدىن چىققانئەنئەنىۋى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قېتىق، قۇرۇت، قارىقات مۇرابباسىنى مەخسۇس ئالغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ.

  ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقارقىئېقىنىغا جايلاشقان تاراتى كەنتىنىڭ «ئېرتىش دەرياسىدىكى تۇنجى كەنت» دەيدىغان نامى بار بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئوتلاق بايلىقىمۇنبەت، سۈت ۋە قارىقاتنىڭ سۈپىتى ئەلا.

  ئەنئەنىۋى قولدا ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نۇرجان مۇراتبېك ئوردۇس ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالدى-كەينى بولۇپ ئىككى قېتىم ئوردوس شەھىرىگە قېتىق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگەنگىلى باردى.

  2018-يىلى نۇرجان مۇراتبېك كۆكتوقاي بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ھەقسىز دۇكان ئىلتىماس قىلىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپياساپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ماڭدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، ھازىر بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭياردىمىدە، نۇرجان مۇراتبېك دۇكاننى يېڭى زاۋۇتقا كېڭەيتتى.

  نۇرجان مۇراتبېكنىڭ سۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يولىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بېلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن «مال ساتقۇچى»لىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، تورداۋە تور سىرتىدا مەھسۇلاتىنىتەشۋىق قىلىشىپ بەردى، ھازىر نۇرجان مۇراتبېكنىڭ سېتىش يوللىرى بارغانسېرى كېڭەيدى.

  «دۆلىتىمىزنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى شۇنچىلىك ياخشى، مېنى مەخسۇس سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانا بىلەن تەمىنلىدى، مەن ئىككى قولۇمغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، كەنتىمىزدىكى ئاياللارنىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنىيېتەكلەپ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى نۇرجان مۇراتبېك.