ماناس ناھىيەسىنىڭ تاتلىق سۇ راكى باقمىچىلىقى يەكەنلىك دېھقانلارنى بېيىش يولىغا باشلىدى

日期:2020年05月22日
来源:天山网
【字体:

    شىنجاڭ گېزىتى، ماناس، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىگەي يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرجۇ ۋېنبىنخەۋەر قىلىدۇ): 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 21دە، ماناس ناھىيەسى شىنخۇپىڭ سۇ ئامبىرى ئاۋسترالىيەتاتلىق سۇ راكىنى بېقىپ كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، ئىشچىلار راك بالىلىرىنىتوشۇش خالتىسىغا ئوكسىگىن قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، بۇ 200 مىڭ تال راك بالىسى ئايروپىلان بىلەن يەكەن ناھىيەسىگە توشۇلۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ماناس ناھىيەسى خۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش نازارەتچىسى شيې خۇي مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، بىز يەكەن ناھىيەسىدە ئاز مىقداردا تاتلىق سۇ راكىنى سىناق تەرەققىسىدە بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدۇق، بۇ يىل ئىككى ناھىيە ھەمكارلىشىپ بېقىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق.» 2017-يىلى، بۇ شىركەت ماناس ناھىيەسىدە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان تاتلىق سۇ راكى بېقىپ كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا، بۇ شىركەت شىنخۇپىڭ سۇ ئامبىرىدىكى راك بېلېجانلىرىنى ئايروپىلاندا يەكەن ناھىيەسىنىڭ دۆڭباغ يېزىسى پايپاڭ كەنتىگە توشۇپ باقتى. نەتىجىدە، بۇ تۈركۈم راك بالىلىرى شىمالىي شىنجاڭنىڭكىدىن بىر ئاي بۇرۇن بازارغا سېلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى ئەتىيازدا، خۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پەيفاڭ كەنتىدە ئالدى بىلەن 800دىن ئارتۇق راك بالىسى باققان. تۆت ئاي بېقىش ئارقىلىق، تۇنجى تۈركۈمدىكى راك شۇ جايدا بازارغا سېلىنىپ، سېتىش سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. بۇ يىل، يەكەن ناھىيەسىنىڭ دۆڭباغ يېزىسى پەيپاڭ كەنتى قاتارلىق ئۈچ كەنتتە راك باقمىچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلغان بولۇپ، باقمىچىلىق كۆلىمى 200 مىڭ تالدىن ئاشىدىكەن.

  ماناس ناھىيەسى خۇڭخۇي يىزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن جۈن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز يەكەن ناھىيەسىدە «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شىنخۇپىڭ سۇ ئامبىرىدىكى كۆپەيتىش بازىسىدا ئۆزىمىز كۆپەيتكەن راك بالىلىرىنى نامرات ئائىلىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردۇق، دېھقانلار باققان راك بالىلىرى تەييار مەھسۇلاتقا ئايلانغاندىن كېيىن، شىركەت يىغىۋېلىپ سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەت باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە پۈتۈن مۇساپىدە تېخنىكىلىق ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلدى. «بۇنداق ھەمكارلىق دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، مەھسۇلاتنى سېتىش غېمىدىن خالاس قىلىپ دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلدى.» دېدى چېن جۈن.

  بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ئادىل ياسىن پايپاڭ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. بۇلتۇر كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، يەرلىكنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ماناس ناھىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيە قىتئەسىتاتلىق سۇ راكىنى بېقىپ كۆپەيتىش بازىسىغا كېلىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ پۇل تېپىپ، بىر تەرەپتىن راك بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. «تېخنىكىنى ياخشى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يۇرتۇمغا قايتىپ راك بېقىپ، بالدۇرراق كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلايمەن» دېدى ئادىل.