ئاقسۇ شەھىرى: مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2020年05月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز دۇڭ چېڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى چياڭ خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا كىرگەندە، گۈل شاخلىرى شامالدا ئىرغاڭلاۋاتقان، كۆل يۈزىدە سۈزۈك سۇلار دولقۇنلاۋاتقان، توپ-توپ ياۋا ئۆردەكلەر كۆلدە ئۈزۈۋاتقان، ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردەيەنە كۆكەرتىش بەلبېغىداجاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقانكۆكەرتىش ئىشچىلىرىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

گۈلئايشەم قۇربان ئىككى يىل ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى يۇقىرىقى بالداڭ كەنتىدىكى نامرات ئاھالەئىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئاقسۇ دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ كۆكەرتىش ئىشچىسىغا ئايلاندى. «ئۆيدىن خىزمەت ئورنۇمغاۋېلىسىپىت مىنىپ15 مىنۇتتا بارىمەن،خىزمىتىمنىڭ كىرىمى مۇقىم، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىگە كۆپ رەھمەت» دېدى گۈلئايشەم قۇربان.

قىسمەن ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىدىيىسى قالاق، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە، خىزمەت ئەترىتى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى قىلىشتا چىڭ تۇردى. كەنتتە ئەقلىي جەھەتتە يۆلەش سىنىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلىتىپ، ئۇسۇل ئۆگىتىشئارقىلىق بىر قىسىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تازىلىق، كۆكەرتىش، كەسپ ئىشچىلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئىش ئورۇنلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايلىق زىيارەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرى ھەر ئايدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ھالىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا غەم-ئەندىشىسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خىزمەت ئەترىتى «ئىز قوغلاش شەكلى»دىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقارقى بالداڭ كەنتىدىكى 130 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمنى 2000 يۈەندىن ئاشۇردى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى لو جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ سۇپا بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، <بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەتراپتىكىلەرگە تۈرتكە بولۇش> تەك ياخشى ئۈنۈمنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز».