بۈگۈر ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ نەشپۈتنىڭ سېتىلىش يولىنى ئاچتى

日期:2020年04月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خۇييۇڭ، ئەن نا خەۋىرى): «خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تەشۋىق قىلىپ، سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدىكى نەشپۈتلىرىمنى سېتىشىپ بەرگىنىگە رەھمەت.» يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى دېھقانلار كەنتىدىكى نەشپۈت ئۆستۈرگۈچى ئابلىز ئابلەت بۈگۈر ناھىيەلىك باج ئىدارىسىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ياۋ پېڭفېينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

ئابلىز دېھقانلار كەنتى 4-گۇرۇپپىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى 10 مو يەرگە نەشپۈت كۆچىتى تىككەنىدى، بۇلتۇر 14 توننا نەشپۈت ھوسۇل ئالدى. ئەمما ئۇ نەشپۈتنى ساتالماسلىقتىن ئەنسىرىدى.خىزمەت ئەترىتى زىيارەت جەريانىدا ئابلىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئىدارىدىكى كادىرلارنى نەشپۈت سېتىۋېلىشقا چاقىردى ھەمدە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق سېتىش ئۇچۇرى تارقاتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، قىسقىغىنە ئىككى ھەپتىدە، ئابلىز 570 يەشىك نەشپۈتنى سېتىپ چىقاردى.

«ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى. بىز كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ توردا سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزئارقىلىق ئۇنىڭ نەشپۈت سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق.» دېدى دېھقانلاركەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى خۇڭبىن.