شىخۇ شەھىرى: پارنىكتىكى شوخلا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى

日期:2020年04月17日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىخۇ شەھىرى شىداگۇ بازىرى بايىن ئامان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چى جىنجۇڭنىڭ پارنىكىدىكىرەتلىك ئۆسكەن ياپيېشىلشوخلا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.چى جىنجۇڭ ئون نەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن شوخلا مايسىسى تاقلاش، مايسا تولۇقلاش، سۇ چېچىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

بۇ يىل چى جىنجۇڭ بالدۇرلا جۇڭلياڭ تۇنخې شىخۇ شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن زاكاز ئىمزالىدى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارنىكتا مايسا يېتىشتۈردى، كۆپ يىللىق تېرىقچىلىق تەجرىبىسى ۋە ئىنچىكە باشقۇرۇش ئارقىلىق، شوخلىنىڭ ئۈنۈش نىسبىتى %95تىن ئاشتى. چى جىنجۇڭ مۇنداق دېدى: «بىر پارنىكىمدا تەخمىنەن 3300 تاختا شوخلا مايسىسى بار، ھەر بىر تاختىسىنىڭسېتىلىش باھاسى 15 يۈەن بولۇپ، تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، بىر پارنىكتىن 15 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ».

بۇ يىل شىخۇ شەھىرىنىڭ شىداگۇ بازىرى 22 مىڭ مو يەردە شوخلا تېرىش، ماشىنىلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. دېھقانلارنى ئەلا سۈپەتلىك شوخلا مايسىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، شىداگۇ بازىرى مايسا يېتىشتۈرۈش ئائىلىلىرىۋە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىبىلەن مايسا ئۆستۈرۈش توختامى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭلياڭ تۇنخې شىخۇ شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭتېخنىكلىرىنى شوخلا مايسىسى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بازاردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شوخلا مايسىسىنى يېتىشتۈرۈشنى ڭسۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى.

كەنت ئاھالىسى ياڭ ئەيشيا مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى پارنىكقا كېلىپ ئىشلەيمەن، بىر كۈندە 100 يۈەن تاپىمەن، ئىككى ئاي ئەتراپىدا ئىشلىيەلەيمەن، كىرىمىم خېلى ياخشى».

شىخۇ شەھىرىنىڭ شىداگۇ بازىرىدا جەمئىي 22 شوخلا مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكى بار بولۇپ، ھازىر پەرۋىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا،5-ئاينىڭ باشلىرىدا مايسىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پارنىكقا كۆچۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆرۇڭ تەمىنلىگەن)