ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: مېۋىلىك باغدىكى ئالدىراشچىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سالدى

日期:2020年04月15日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى قۇمبۇلۇڭ كەنتىدىكى باغدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باغنى تازىلاش، دەل-دەرەخ چاتاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، ئۇلاش قاتارلىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل ئائىلىمىز ئۈچۈن مەبلەغ توپلاپ، ھاك-گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسى ئېلىپ بەردى، يەنە ئۆرۈك، ياڭاق دەرىخىگە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشىپ بەردى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى ئادىل ھاجى ھاياجانلانغان ھالدا.

ھازىرغا قەدەر خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە،كەنتتىكى 2800 مو ئۈرۈكلۈك باغ، 2300 مو ياڭاقلىق باغنىڭدېھقانچىلىق دورىسى چېچىش ۋەچاتاش پەرۋىشى تاماملىنىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سېلىندى.

(ماقالىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىنلى يالى،جۇ يۆفېڭ،لى نوناتەمىنلىگەن)