شايار: ئەگمە پارنىك تېرىقچىلىقى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

日期:2020年04月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى:يېقىندا، شايار ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى غالدىر كەنتىدە تېرىلغان بالدۇر پىشىدىغان شوخلىلار چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلارمۇ شوخلا كۆچىتىنى تاياقتا مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  «قاراڭ، شوخلا چېچىكى ئېچىلىپتۇ، بۇ يىل بۇ پارنىكقا تايىنىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلالايمەن» دېدى نامرات ئاھالە ھاۋاخان ئېزىز خۇشال ھالدا.

ھاۋاخان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جان سانىمۇ، يېرىمۇ ئاز ئىدى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شايار ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋاسىتىچىلىك رول ئويناپ، ھاۋاخاننىڭ قىزىنى پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ ھازىر ھەر ئايدا 2500 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلىدۇ. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە ھاۋاخاننىڭ ھەقسىز تېرىشىغا بېرىلگەن پارنىكنىڭ ھەر يىللىق كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەنگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى زوۋ مېڭنىڭ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە جەمئىي 50 ئەگمە پارنىك ياسالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 ئەگمە پارنىك نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەقسىز تېرىشىغا تاپشۇرۇلدى، قالغانلىرى تېرىقچىلىق تەجرىبىسى بار دېھقانلارنىڭ تېرىشىغا تاپشۇرۇلدى. بۇ يىل مەركەزلىك تېرىلغان ئۆزگىچە بالدۇر پىشىدىغان پەمىدۇرنى كارخانىلار بىر تۇتاش سېتىۋالىدۇ، ھەربىر پارنىكتىن ئالىدىغان پايدىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولۇشىغا مۇقىم كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

زوۋ مېڭنىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، بىز بىر تەرەپتىن كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ شوخل كۆچىتىنىتاياق بىلەن مۇقىملاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق، يەنە بىر تەرەپتىن پارنىكتا ئۆزگىچە كۆكتاتلارنى تېرىپ، كەنت زىرائىتىنىڭ ماركا ئۈنۈمىنى تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىر ئادەمنىڭمۇ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.»

(ماقالىنى شايار ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ گۈلباغ بازىرى غالدىر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىنتەن ئەنمىڭ تەمىنلىگەن)