ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى

日期:2020年04月13日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى

ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىفۇ شياڭلۇڭ

«2018 - يىلى كەنتىمىز ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ 2019 - يىلى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 11 مىڭ 80 يۈەنگە يەتتى؛ بۇ يىل كەنتىمىزنىڭ نىشانى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 12 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈش» دېدى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بەشكېرەم كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جىچۈن خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.

بەشكېرەم كەنتى كۇچا شەھىرىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، كەنتتە جەمئىي 651 ئائىلىلىك 2674 ئادەم، 5800 مو تېرىلغۇ يەر بار. بۇ كەنت ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بېسىمى خېلى زور ئىدى. قانداق قىلىپ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ ۋاڭ جىچۈن مۇنداق دېدى: بۇ نامرات ئائىلىلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشتىن كەلگەن.

2018 - يىلى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بەشكېرەم كەنتىدە «بەش بىر تۈركۈم» بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بايقالغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس ئىچىدىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسى بارلار يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەسىللىك ئىشلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرغان؛ ئەمگەك ئىقتىدارى بارلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرغان؛ خىزمەت ئەترىتى ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدىغانلارنىڭ كەنتتە كىچىكرەك دۇكان، كىچىكرەك ئاشخانا ئېچىشىغا ياردەم بەرگەن، يۆلىگەن؛ ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلار ئىجتىمائىي كاپالەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، «كاپالەتلەندۈرۈلۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرگەن».

«پۈتۈن كەنت بويىچە 99 نامرات خادىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشتى؛ 436 كەنت ئاھالىسى سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىپ، ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ يۈەن ئاشتى؛ 52 نامرات ئائىلە شوخلا، لازا، جاڭدۇ قاتارلىق زاكازلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ، ھەر مو يەردىن 1800 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى... » ۋاڭ جىچۈننىڭ كۆڭلىدە كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېسابات دەپتىرى ناھايىتى ئېنىق ئىدى.

قاراسۇ كەنتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى يەنە بىر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تۇرۇشلۇق جاي. بۇ كەنتتە 534 ئائىلىلىك 2247 ئادەم بار بولۇپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر تۆت موغىمۇ يەتمەيدۇ. 2018 - يىلى، بۇ كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 5000 يۈەندىن ئاشاتتى، بىراق 2019 - يىلىغا كەلگەندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 9000 يۈەنگە يېقىنلاشتى. «2020 - يىلى، كەنتىمىزنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى چوقۇم 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قاراسۇ كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پەن يېشېڭ.

پەن يېشېڭنىڭ بۇنداق جاسارىتى ئوخشاشلا نامرات ئائىلىلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشتىن كەلگەن.

پەن يېشېڭ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ئۈچۈن، جەزمەن كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. قاراسۇ كەنتى 65 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىنەك، ساغلىق ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 4000 يۈەن ئاشۇردى؛ 20 نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمىنى 500 يۈەن ئاشۇردى؛ ئەمگەك ئىقتىدارى بار 62 كىشىنى سىرتقا چىقىپ پەسىللىك ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كىشى كىرىمىنى 8000 يۈەندىن ئاشۇرالايدۇ. خىزمەت ئەترىتى يەنە بېيىش باشلامچىسى ئەنۋەر يۈسۈپنىڭ پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشىغا ياردەم بەردى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ياڭاق، نەشپۈت، چىلان قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن سېتىۋېلىپ، ئالتە نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«بۇ تەدبىرلەر خۇددى ئېتىزلىقتىكى تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىغا ئوخشاش، زىرائەتلەرنى دەل جايىدا ئوغۇتلاپ، سۇغىرىپ، زىرائەتلەرنى تېخىمۇ ساغلام ئۆستۈردى» دېدى پەن يېشېڭ.

2019 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قاراسۇ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن بەش بالا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلىندى. خىزمەت ئەترىتى ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەكتەپ تەرەپنى نامرات ئائىلىلەردىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ياكى مەكتەپكە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارغا ماسلاشتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيەلىك كادىرنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە تاللاپ ئەۋەتكەن، ئۇلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم بېرىپ يۆلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايدىكەن.