كۆكتوقاي ناھىيەسى: پارنىكتا كۆكتاتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

日期:2020年04月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: باھاردا بارلىق مەۋجۇداتلار ئويغىنىدۇ. كۆكتوقاي ناھىيەسى قارا تۆڭكە يېزىسى قىزىلقۇدۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فاڭ گوياۋنىڭكۆكتات پارنىكىداپالەكلەر ياپيېشىل ئۆسكەن بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كۆكتات ئۈزۈش، باغلاش، يەشىككە قاچىلاشقا ياردەملىشىپ، ئالدىراش مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

ھازىربۇ كەنتتىكى پارنىكلارداپالەك، سامساق، شياۋبەسەي پىشىش مەزگىلىگە كىردى، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار كۆكتات ئۈزۈش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتاتلىرىنى ۋاقتىدا ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى، مىكروبىلوگ قاتارلىقلار سۇپىلارداتەشۋىق قىلىپ، كۆكتات سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

ئىگىلىنىشچە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئىدارىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاگرونومسىندا يىراقتىن تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئارقىلىقدېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، ئىلمىي تېرىقچىلىق، ئېتىز پەرۋىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى سۆزلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چۈشىنىكسىز نۇقتىلارنى يەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقەيوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق تەييارلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدادېھقانچىلىق ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە كەنتتىكى ياشانغان ئىگە-چاقسىزلار، <تۆت پىشقەدەم>لەر، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان كەنت ئاھالىلىرىغا ياردەملىشىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ئەن جيەنگاڭ.

(ماقالىنى كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ۋۇ جېنجيې، نۇربولات سىراش تەمىنلىگەن)