شىخو شەھىرى: لاپاستىكى كۆكتات ۋە گۈل مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلدى

日期:2020年03月25日
来源:天山网
【字体:
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ يوڭيىڭ (ئوڭدا) كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى يەنروڭ، جىڭ فاڭ خەۋىرى): يېقىندا، شىخو شەھىرى شىداگۇ بازىرى تەكلىگىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى چياۋ خەنفېڭنىڭ پارنىكىدىكى 100 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى ۋە 8000 تۈپتىن ئارتۇق گۈل مايسىسىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلدى، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۆچۈرۈپ تىككىلى ۋە بازارغا سالغىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، چياۋ خەنفېڭ شىخو شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكلىگىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆزى ئىككى پارنىك قۇرۇپ، بىرىنى چەيزە، لازا قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە، يەنە بىرىنى جۇخار گۈلى، چوغلۇق قاتارلىق گۈللەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئىشلەتتى.