كۇچا شەھىرى: پارنىكلارغا «بەخت گۈلى» تېرىلدى

日期:2020年03月19日
来源:天山网
【字体:

«ئائىلىمىزدىكى بەش جاننىڭئاران بەش مو يېرى بار، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىككى يىل ئىلگىرى ماڭا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ بەرگەن، بۇلتۇر مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم،يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۈللەرنى ساتالماي قالدىم.» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىكۇچا شەھىرى چىمەن بازىرىنىڭ ئاقتۇر كەنتىدىكى دېھقان نۇر مەمەت پارنىكتا ئېچىلغان ئەتىرگۈللەرگە قاراپ قايغۇرۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  نۇر مەمەتنىڭ ئۆيىدىكى بەش پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ھەر خىل گۈللەر بەس-بەستەئېچىلىپ، پارنىكنىڭ ئىچى ھاياتىي كۈچكە تولدى. لېكىن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدەئېچىلغان گۈللەرنى ۋاقتىدا سېتىشقائامال بولماي، ئۇتىت-تىت بولدى. كۇچا شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نۇر مەمەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال بارلىق ئەزالارنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە گۈل سېتىش ئۇچۇرىنى تارقىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىئابلىكىم ھىمىت كېچىلەپ تېلېفون قىلىپ، ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەرگە گۈللەرنى سېتىپ بەردى.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، خىزمەت ئەترىتى نۇر مەمەتنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تۇنجى پارنىكنى سېلىپ، نۇرغۇن گۈل سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ بەردى، لېكىن تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق، گۈل ئۆستۈرۈش ماھارىتىگە پىششىق بولماسلىق سەۋەبىدىن، پارنىكتىكى گۈللەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇرۇپقالدى، خىزمەت ئەترىتى ناھىيەدىكى گۈل-گىياھ مۇتەخەسسىسلىرىنىتەكلىپ قىلىپ، تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، ئۈندىداردا سوراپ ئۆگىنىش ئارقىلىق نۇر مەمەتنىڭ گۈل-گىياھلىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشى ئۆستى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۇنىڭغا خېرىدارئۇقۇشۇپ بېرىپ، شەھەر ئىچىدىكى گۈل-گىياھ سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ گۈل سېتىشىپ بېرىپ، بۇلتۇر ئۇنىڭ 20 نەچچە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىر، نۇر مەمەتنىڭ پارنىكى بىردىن بەشكە كۆپەيدى، يىللىق كىرىمى 70-80 مىڭ يۈەنگە يەتتى. پارنىكىدا ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرگىنىدە، نۇر مەمەتنىڭ چىرايىمۇ گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.

  «مەن ھېسابلاپ باقتىم، بۇ بىر تۈركۈم گۈلنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ئاز بولغاندىمۇ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇلتۇر تاپقان پۇل بىلەن ئۆيگە توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق ھەر خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدىم، بۇ يىل كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن.» نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «يېقىندا، خىزمەت ئەترىتى ماڭا توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئېچىپ بەردى، مېنىڭمۇ 200دىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىم بار بولدى، يەنە بەزىلەر مەن بىلەن سېتىش توختىمى تۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»