كەنتلەردە تۇرۇشلۇق 76 مىڭ كادىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە «ئىمتىھان بەردى»

日期:2020年03月17日
来源:新疆日报
【字体:

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقى باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 مىڭدىن ئارتۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى 76 مىڭدىن ئارتۇق كادىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تەپەككۇرىنى كېڭەيتىپ، پۇختا ھەرىكەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

باش قاتۇرغاندا ياخشى ئامال تېپىلىدۇ

«بۇلتۇر ئايپار شۇجى ماڭا خىزمەت تونۇشتۇرغانىدى، ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ يىل مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن!» «ئايپار شۇجى بولسىلا، بىز يولۇققان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭەلەيمىز».

كەنت ئاھالىلىرى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىغان «ئايپار شۇجى» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى بارىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى، 29 ياشلىق ئايپار ئەسقەر ئىدى. بارىن كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇ ياشلارغا خاس تەپەككۇرى جانلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى 847 مو يەرگە سامساق تېرىشقا يېتەكلەپ، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى؛ نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ كەنتتىكى 30 ئادەمنى قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ كەنت قۇرغان كارخانا 131 ئائىلىدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ بەش باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 200 ئائىلىلىك باقمىچى ئاھالىنىڭ كارخانا «نۆۋەتچى ئاپتوموبىلى»غا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى... ئايپارنىڭ چارىسى ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

«بۇ يىل، ھويلىسىدا كۆكتات تېرىشتىنلا ھەربىر ئائىلە كىرىمىنى ئاز دېگەندە 1300 يۈەن ئاشۇرالايدۇ.» 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، خوتەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ تۇساللا بازىرى يۈخې كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋاڭ جۈن كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلىدىكى كىچىك لاپاستا شوخلا، لازا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە تەشكىللەۋاتاتتى.

دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋاڭ جۈن مەبلەغ توپلاپ كەنتتە ئېلېكتىرونلۇق نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇپ، 13 نامرات ئايالنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كەنتتە نۇرغۇن ياڭاق دەرىخى بار ئىدى، ئۇنىڭ مەبلەغ توپلىشى بىلەن ياڭاق شاكىلىنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، تاشلاندۇق ياڭاق شاكاللىرى پىششىقلىنىپ، نېفىتلىكتە قۇدۇق بۇرغىلاشقا كېرەكلىك بولغان سانائەت خام ئەشياسىغا ئايلاندۇرۇلدى.

بېيىش يولى كېڭەيگەندىن كېيىن، يۈخې كەنتى 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامرات كەنتلەر تىزىملىكىدىن ئوڭۇشلۇق چېكىنىپ چىقتى.

كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىش

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتىگەندىلا، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسى شولاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى شى ۋېنخەي كەنت ئاھالىسى ئوغۇلنىيازخان ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، كۆچمە تاماق ھارۋىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى سورىدى.

«تېز تاماقتىن باشقا، مەن يەنە قېرىن ۋە قوناق سۇيۇقئېشىنى كۆپەيتتىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇردى! مەن يەنە نىيە قارا توخۇسى بېقىشقا تىزىملىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» ئوغۇلنىيازخان ماسكا تاقىۋالغان ۋە پەلەي كىيىۋالغان بولۇپ، تاماق ھارۋىسىنىڭ ئىچى - سىرتىنى پاكىز سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇ خىل غەيرىتى تولۇپ تاشقان ھالىتىدىن شى ۋېنخەي ئىنتايىن خۇشال بولدى.

شولاق كەنتى 2014 - يىلى ئېغىر نامرات كەنت قىلىپ بېكىتىلگەنىدى، بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، 2019 - يىلى 12 - ئايدا بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بارلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. «بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچەيدى.» شى ۋېنخەي مۇخبىرغا كېيىنكى قەدەمدە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى توكچىلىق، كەپشەرلەش، مېتال كېسىش ئالاھىدە مەشغۇلات كۇرسى ئېچىپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسى قۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەتكۈزۈپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش» نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى باشتېرىم كەنتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى تەڭ تۇتتى. بۇ كەنت ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ «كۆك - تاق»ىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا.

كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن بۇرۇن 67 چوڭ پارنىك ۋە 379 ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى تاماملىدى. «نۆۋەتتە چوڭ پارنىكتىكى كۆكتات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە بولىدۇ، ئەگمە پارنىكتىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، يەنە 20 كۈندە يوۋبەيسەي قاتارلىق ئۆسۈش مەزگىلى قىسقىراق بولغان كۆكتاتلارنى بازارغا سالغىلى بولىدۇ» دېدى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىشلىرى ئىدارىسى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىدىن پەيزاۋات ناھىيەسى تېرىم يېزىسى باشتېرىم كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى جياڭ خۇي.

ئامما بىلەن بولغان ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىش

ئامما خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ شەھەردىن يېزا - كەنتلەرگە كەلگەن ھەربىر كادىر ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر مەسىلە، ئۇلار ئەمەلىيەت داۋامىدا ئاممىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن جاۋاب ئىزدەپ، يېڭى ھاسىلاتقا ئىگە بولدى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى پارچە چوكا كەنتى پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى، كەنت ئاھالىلىرى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بەس - بەستە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. «تىزىملاتقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بېشىمىزنى قاتۇردى» دېدى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى قۇربانجان يۇنۇس كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئاممىنىڭ قوللىشى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىن كەلگەن. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات يېيىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى. كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ قول ھۈنەر ياغاچچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسى سىيۈەن پەلەي زاۋۇتى پارچە چوكا كەنتى شۆبە زاۋۇتى قاتارلىق ئون ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە قۇردى، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 159 نامرات ئائىلىدىن بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋاڭ ئېرلىنىڭ كەنتتە تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش غەيرىتىنىڭ شۇنچە تولۇپ تاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدا ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەنتتە ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى كۈچەيدى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى «ئېچىلىڭ داستىخىنىم»غا ئايلاندى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئىنتىلىشىگە ئايلاندى... «بۇ بىرنەچچە يىلنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم، كەنتىمىزنىڭ بۇ يىل پات ئارىدا پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن چېكىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىساملا، غەيرىتىم تولۇپ تاشىدۇ!» ئۇنىڭ سۆزىگە چوڭقۇر مۇھەببەت سىڭگەنىدى.