جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بايقۇرۇت كەنتىدە فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ياردەم بېرىپ قۇردى

«قۇياش نۇرى بانكىسى» كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بېيىش يولىغا ئاتلاندۇردى

日期:2020年01月15日
来源:新疆日报
【字体:

«بۇ كەنت تاغ بىلەن قورشالغان، تېرىلغۇ يېرى كۆپ ئەمەس، كەسىپلەر كۈچلۈك ئەمەس، لېكىن بۇ يەردە قۇياش نۇرى ناھايىتى ياخشى، شۇنداقلا قۇم - بوران ئاز، فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشتا ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ، كەڭ تەبىئەت بەرگەن بايلىق، تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.» 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئۇلۇغچات ناھىيەسى بايقۇرۇت يېزىسىنىڭ بايقۇرۇت كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى تەن شۈەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ياردەم بېرىپ قۇرغان بايقۇرۇت كەنتىدىكى 500KWلۇق فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تورغا تۇتاشتۇرۇلۇپ يۈرۈشتۈرۈلدى، بۇ، دۆلەتنىڭ «13 - بەش يىل»دىكى 2 - تۈركۈمدىكى فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىچىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تورغا تۇتاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شۇنداقلا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 1 - فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى.

خېلىل ئىبراھىم ئىلگىرى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. «ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشقا باشلانغان كۈندىن تارتىپ كىرىمىمىز ئېشىشقا باشلىدى، قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ بىر كۈن ياردەملەشسەك 250 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ. 1 - شۇجىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇش كەنتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆزگىرىشى، كىرىمىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن ئىكەن، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كىرىمى كەنتىمىزنى قۇرۇشقا، كەنتىمىزنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن» دېدى خېلىل.

كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن «قۇياش نۇرى بانكىسى» دەپ ئاتالغان فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىر قېتىم مەبلەغ سېلىش، ئۇزاق مۇددەت پايدا ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بايقۇرۇت كەنتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزگىچە ۋە مۇھىم رولنى زىممىسىگە ئالغان. تەن شۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 750 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، يىللىق كۆزلىمە ئومۇمىي كىرىم 500 مىڭ يۈەندىن 700 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ، مۈلۈك بايقۇرۇت كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، بايقۇرۇت كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 100 نامرات ئائىلىنىڭ ھەربىرىنى ھەريىلى 3000 يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، ئاشقان مەبلەغ كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرى ۋە كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قانداق قىلغاندا بۇ «قۇياش نۇرى بانكىسى» مەبلىغىدىن جانلىق پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ تەن شۈەننىڭ قارىشىچە، جەزمەن تەرەققىيات ئارقىلىق يۆلەش ئاساس، مەبلەغ ئارقىلىق يۆلەش قوشۇمچە قىلىنىدىكەن. بۇ كىرىملەردىن ئەڭ ئاخىرىدا مەنپەئەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرى، لېكىن بۇ پۇللارنى ئېلىش ئۈچۈن بەلگىلىك ئەمگەك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كىرىمى ئەمگەك ھەققى شەكلىدە كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

«كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمگەك ئارقىلىق مۇقىم كىرىمگە ئېرىشتۈرگەندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز كەنتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، بەش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىنى بېكىتىپ بولدۇق، كېيىن يەنە داۋاملىق تېخىمۇ نۇرغۇن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىمىز» دېدى تەن شۈەن.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، بايقۇرۇت كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئاچقان يىغىننىڭ مەزمۇنىنىڭ ھەممىسى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كىرىمىدىن قانداق پايدىلىنىپ كەنتتىكى تۈرلۈك تەرەققىياتلارغا يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كېلىش بولدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىنىڭ باقمىچىلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، كېيىنكى قەدەمدە، بايقۇرۇت كەنتى باقمىچىلىق تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يۆلەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى كالا، قوي گۆشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتۇر.

ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەردىن باشقا، بايقۇرۇت كەنتى يەنە تېرىقچىلىق تەرەققىيات سالمىقىنى زورايتىدۇ. «ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە تېرىلغۇ يەر نىسبەتەن كەمچىل بولغاچقا، كۆكتات، مېۋە - چېۋىنىڭ كۆپ قىسمى ناھىيە سىرتىدىن كەلتۈرۈلىدۇ، بايقۇرۇت كەنتىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنىڭ تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىرقەدەر ماس كېلىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، بۇ يىل بىز تېرىقچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىمىز، يەنە كەنتتە كەسىپ يېتەكچىلىرىنى تاللايمىز، بۇنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزلىرى تېرىغان تۈرلۈك كۆكتاتلارنى يېيەلەيدىغان ھەم بۇ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتەلەيدىغان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ تونۇشتۇردى تەن شۈەن.