ياڭاقلار «تور»غا چىقتى

日期:2019年11月21日
来源:新疆日报
【字体:

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، خوشۇت ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چۇقۇ بازىرى كونا شەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ياڭاقلارنى ئايرىپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى. يېقىندىن بۇيان، بۇ خىزمەت ئەترىتى تور سۇپىسىدىن پائال پايدىلىنىپ تور دۇكىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاق سېتىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى.