كۆكتوقاي ناھىيەسى: «موھتاجلىقتا جانغا ئەسقاتقان» خىزمەت ئەترىتىنى كەنت ئاھالىسى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى

日期:2019年11月19日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ دۈرە بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، كۆممىقوناق ئورۇش مەيدانىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كۆممىقوناق ۋە كۆممىقوناق شېخى توشۇشىغا ياردەملەشتى.

ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىش جەريانىدا كەنت ئاھالىسى جېڭىسگۈل خاقىقاتنىڭ بۇ يىل 15 مو يەرگە تېرىغان كۆممىقوناقلىرىنىڭ ئورۇلۇپ بولۇنغانلىقىنى، ئەمما ئۆيگە يۆتكەپ كېتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلگەن.

جىڭىسگۈل ئائىلىسىدە تۆت جان بولۇپ، ئىككى بالىسى باشقا يۇرتلاردا ئوقۇيدۇ، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىر قىسىم كۆممىقوناق تېخىچە ئېتىزدا ئىدى، يەنە كۆممىقوناق شاخلىرى چارۋىلارنىڭ قىشلىق يەم-خەشىكى ئىدى، خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال توشۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلەشتى، بىر كۈن ئىچىدە، جېڭىسگۈلنىڭ كۆممىقوناق ۋە كۆممىقوناق شاخلىرى كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ ياردەم بېرىشى بىلەن ئۆيگە توشۇلۇپ بولدى.

«تۈنۈگۈن تېخى قانداق قىلىش توغرىسىدا بېشىم قاتقان ئىدى، بۈگۈن خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بەك ياخشى، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت.» جېڭىسگۈل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.