چەرچەن ناھىيەسى: دېھقانلار چىلاندىن مول ھوسۇل ئالدى

日期:2019年11月14日
来源:天山网
【字体:

 «بۇ ماشىنىنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورنى كىچىك، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، يۆتكەش قولايلىق، ئىشلىتىش ئاسان، ۋاقىت ھەم كۈچىمىزنى تېجەشكە ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەكسىجىللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.» 11- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە- ئىقتىساد ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شيەن چۇڭۋېن بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىگە شامال بېرىش ماشىنىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى چۈشەندۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ماشىنىنى تەڭشەپ، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىپ ئۈلگە كۆرسەتتى.

ھازىر دەل كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى، چەرچەن ناھىيەسى ئاۋات كەنتىدىكى 4100 مو ئورگانىك چىلان ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلان يىغىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىپ، چىلان ئۈزۈش، ئاپتاپقا سېلىش خىزمىتىنى تېزدىن تاماملاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كۈزلۈك يىغىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستلىقمالىيە- ئىقتىساد ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 17 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، 7 شامال بېرىش ماشىنىسى ۋە 7 تاسقاش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ مۈلكى سۈپىتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەردى.

ماشىنىنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سېۋەت- سېۋەت چىلان ناھايىتى تېزلا تاسقاپ تاللاشتىن ئۆتتى. تاسقاپ تاللانغان پاكىز چىلانلارنى كۆرگەن ئەخمەت روزى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن بۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز ئىكەن، يېرىم كۈندە قىلىدىغان ئىشنى بىر دەمدىلا قىلىپ بولغىلى بولىدىكەن، بىر نەچچە ئەمگەك كۈچىگە باراۋەر كېلىدىكەن.»

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شامال بېرىش ماشىنىسى بىلەن تاسقاش ماشىنىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىپ، چىلان ئۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چىلانلىققا بېرىپ نەق مەيداندا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ماشىنىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، تەڭشەش تېخنىكىسى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ چۈشەندۈردى، ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنا- سايمانلىرىنى ئۆگىنىش،ئىشلىتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلان يىغىشئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، چىلانيىغىشخىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇقئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.