شايار ناھىيەسى: بىز بىرلىكتە ئۈمىد ئۇرۇقىنى تېرىدۇق

日期:2019年11月11日
来源:天山网
【字体:

«يېقىندا، خىزمەت ئەترىتى بىزگەياردەملىشىپ، يەتتە مو يەردىكى 1- تۈركۈمدە ئېچىلغان پاختىلارنىتېرىشىپ بەردى، يەنە پاختا تېرىش ماشىنىسىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، ماڭا ياردەم قىلىپ كۈزگى بۇغداي تېرىشىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن» يېقىندا نامرات ئاھالە نامەت سېيىت خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

كەنت ئاھالىسى نامەت سېيىت ئۆزىنىڭ ياڭاقلىقىدا كۈزگى بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولغانىدى، لېكىن ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا بۇ ئىشنى ئىزچىل قىلالمىغانىدى، خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىنكېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇغداي تېرىش ماشىنىسىنى ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، بەش مو يەرگەكۈزگى بۇغدايتېرىشىپ بەردى.   

ئىگىلىنىشىچە، شايار ناھىيەلىكپارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ شايار بازىرى شياڭياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس كۈزگى بۇغدايتېرىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، 21 ئائىلىلىك نامرات ئاممىغا كۈزگى بۇغداي ئۇرۇقى ئالاقىلىشىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ 2.7 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن، 13 ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىغەمدىن خالاس قىلىپ، ئاممىنىڭياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

«بىز كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە ئىلكىدىكى ماشىنىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كۈزگى بۇغداينى ۋاقتىدا تېرىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتمەسلىكىگەكاپالەتلىك قىلىپ،كېلەر يىلقى مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى خۇاڭ لىۋېي.