كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىغىم ۋاقتىدىكى «ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر»ى

日期:2019年10月25日
来源:天山网
【字体:
بىرلىكتە ياڭاق كۆتۈرۈش

10-ئاينىڭ بېشىدىكى تۇمشۇق كەنتىدە شال خۇش پۇراق چېچىپ، شاخلار ياڭاق بىلەن تولدى، ھەممە يەرنى مول ھوسۇل ۋە خۇشاللىق پۇرىقى قاپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى 9-گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىدىكى كادىرلار سوۋغات ۋە ئۈمىدنى ئېلىپ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى تۇمشۇق كەنتىگە 5-قېتىم كېلىپ، بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ياخشى ئىش قىلدى. ئارقا-ئارقىدىن تەر ئاققۇزغان ئەمگەك كۆرۈنۈشى تۆمۈر چوققىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

ھازىر دەل ياڭاق يىغىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى. ياڭاق تۇمشۇق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىۋېلىش خىزمىتىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئون كۈن ئىچىدە ياڭاقنى يىغىپ بولۇپ سودىگەرلەرگە تاپشۇرۇش كېرەك، بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەچكە، ياڭاق ئۈزۈش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇۋ جىبىڭ ئارقا تىرەك ئورۇندىكى 40 نەپەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرنى ياردەمگە تەكلىپ قىلدى.

بىر كېچە پويىزغا ئولتۇرۇپ كەنتكە كەلگەن كۆپچىلىك سەپەر ئۈستىدىكى ھارغىنلىققا قارىماي، يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ، باغقا كىرىپ، يەڭلىرىنى تۈرگىنىچە تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلدى. ياش كادىرلار كالتەكنى قولىغا ئېلىپ ئۇردى، ئايال يولداشلار چېلەكنى كۆتۈرۈپ ياكى زوڭزىيىپ ياكى ئېگىلىپ ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى بىر پۇتلاپ يەرگە تىزلىنىپ، ياڭاقنى بىر-بىرلەپ تېرىپ چېلەككە تېرىپ سالدى. توقماقلاپ ئۇرۇش، تېرىش، قاچىلاش، سېتىش، بىراقلا پۈتتى. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار ۋە تۇغقانلار ياڭاقزارلىقتا تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈزلۈك يىغىم جېڭىنى ياخشى قىلدى. قورساق ئاچسا ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن يەردە ئولتۇرۇپ، نان يەپ، تاۋۇز ۋە قېتىق ئىچىپ، جاپا چەكسىمۇ خۇشال بولدى.

كەنت ئاھالىسى تۇنساخان ئۆمەر ئائىلىسىنىڭ ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇپ، شاخلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن ياڭاققا قاراپ كۆڭلى بىردە خۇشال بىردە خاپا بولاتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 20دىن ئارتۇق تۇغقان بولغان كادىرلار ئۇنىڭ بېغىغا كېلىپ ياردەم قىلدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇغقانلىرىم ماڭا چوڭ ياردەم قىلدى، ھەر يىلى ياڭاق يىغقاندا مەن ئەڭ ئارقىدا يىغىۋالىمەن، كەينىدە قېلىپلا قالماي يەنە جىڭ باسماي قالىدۇ، بۇ قېتىم تۇغقانلىرىم بەك ئەسقاتتى، سىلەر ھەقىقەتەنمۇ «دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر» ھە!»

كەنت ئاھالىسى ئېزىز تۇنىياز خۇشال ھالدا مۇنداق ھېسابات قىلدى. «ئەتىيازدا خىزمەت ئەترىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بىزگە ئىلمىي ئۇسۇلدا شاخ-شۇمبىلارنى قىرقىپ، مۇۋاپىق ئوغۇتلاپ، دورا پۈركۈشنى ئۆگەتتى، بۇ يىل ياڭاق دانىسى چوڭ، مېۋىسى دانلىق بولدى، بىزنىڭ ئىككى مو يېرىمىز بۇلتۇرقىدىن 350 كىلوگىرامدىن ئارتۇق كۆك پوستلۇق ياڭاق ھوسۇل بەردى. ياڭاق سېتىپ بولغاندىن كېيىن مەن يەنە پاختا تېرىپ پۇل تاپقىلى بارىمەن، مەن كۈنلىرىمنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىمەن.»

ئىش تەقسىماتى ئېنىق ھالدا ياڭاق تېرىماقتا.

قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاق يىغىشىغا ياردەم بەرمەكتە.