چەرچەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئالقىشقا ئېرىشتى

日期:2019年10月01日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلاررىزۋانگۈل، لى پېڭيەن خەۋىرى، فوتوسى) ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى تاتىراڭ بازىرى تەتۈركۆل كەنتىدە، كەڭ كەتكەن كېۋەزلىك كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى،تېخى ئېچىلىپ بولالمىغان پاختا غوزەكلىرى خۇددى زەيتۇنغا ئوخشاش كېۋەزنىڭ شېخىدا يالتىرايتتى. كېۋەزلىكتە بىر يىل ئالدىراش يۈرگەن دېھقانلار پاختا تېرىش، خالتىغا قاچىلاش، توشۇشنى باشلىغان بولۇپ، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى ئەكس ئېتەتتى.

  تەتۈركۆل كەنتىيېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان كەنت، چارۋا باقمىچىلىقى ۋە زىرائەت تېرىقچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى، پۈتۈن كەنتتە 8205 مو يەر بار بولۇپ، بۇنىڭ 7000 مودىن ئارتۇق يېرىگە كېۋەز تېرىلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پاختا تېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ بېشىدا، چەرچەن ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە تاتىراڭ بازىرى تەتۈركۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، تۈجۈپىلەپ تەييارلىق قىلىپ، پاختا تېرىش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  كەنتتىكى 2000 مو يەردىكى پاختىنى ماشىنىدا تېرىش ۋە 5000 مو يەردىكى پاختىنىئادەم كۈچى بىلەن تېرىشكەقارىتا، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت» ى بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئارقا تىرەك ئورۇن بولۇش كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى يېزا- بازار (مەيدان)، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا پۈركۈپ يوپۇرماق چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ئۇقۇشتى، يەنە بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى. ھازىرغا قەدەر، بىرىنچى تۈركۈمدىكى پۈركۈپ يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسى ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتى تاماملاندى. پاختا تېرىدىغانئادەمنىڭ سانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت» ى كەنتتىكى كېۋەز تېرىغان ئائىلىلەرگە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە بېرىپ، كېۋەز تېرىغان ئەمەلىي كۆلىمى بىلەن ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئادەم كۈچىگە بولغان ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ جەملىدى، ھەمدە كادىرلارنى خوتەن، چىرا، نىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە ئىشچى قوبۇل قىلىشقا ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا QQ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىنتېرنېت تور سۇپىلىرى ئارقىلىق ئىشچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى تارقاتتى. ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق پاختا تېرىدىغان ئىشچىكەنتكە كېلىپ ئىشلىدى.

  قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئىگە- چاقىسىز، ياشانغانلار، ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ پاختا تېرىشخىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئارقا تىرەك ئىدارە بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالارنى، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنى، كەنت كادىرلىرىنى ئۇدا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈزلۈك مول ھوسۇل يىغىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  «كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز، بىز ئۆز كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىمىز.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاۋ تيەنشىڭ.