كۇچا ناھىيەسى : «توردا داڭق چىقارغان» ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

日期:2019年09月25日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، مۇخبىر كۇچا ناھىيەسى ياقا بازىرى ئاقبۇيا كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگىنىدە، مەرۋايىتتەك پارقىراق ئۈزۈملەرنىڭ باراڭغا لىق تولغانلىقىنى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىراش ئۈزۈم ئۈزۈۋاتقانلىقىدەك مول ھوسۇللۇق ئاۋات مەنزىرىنى كۆردى.

جۇڭگو نېفىتتارىم نېفىتلىكى تارماق شىركىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئەۋەتكۈچى ئورۇننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1200 مو ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەرنى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنى ئوغۇتلاش، چاتاش، ئوت ئوتاش، ئېتىز پەرۋىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئۈزۈمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

9- ئاي، دەل ئۈزۈم ئۈزۈش مەزگىلى بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىتەشكىللەپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى، سېتىش تاكتىكىسى تۈزۈپ، ئۈندىدار، QQ، دوۋيىن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «تور + تور سىرتى» تەشۋىقاتىنى ئېلىپ باردى، ھەمدە ئەتراپتىكى بازارلاردىكى سودىگەرلەر بىلەن كېڭىشىپ، كۆپ يوللار بىلەن سېتىش ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، 60 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«بۇ يىل بىز ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، بىراقلا 500 كىلوگىراملىق زاكاز قوبۇل قىلدۇق، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت.» دېدى قىيىنچىلىقى بار ئاھالە قاھار مىجىت مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز مۇتەخەسسىسلەرنى ئۈزۈمنىڭ سورتىنى ياخشىلاشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىنچىكە باشقۇرۇپ، داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاقبۇيا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز.»دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى تاڭ زىلى.