لەن گوياڭ: مالىنا ئۆستۈرۈپ، شېرىن تۇرمۇش يارىتىش

日期:2019年09月17日
来源:天山网
【字体:

«تۈنۈگۈن 400 كىلوگىرام ئۈزۈلدى، 4000 يۈەن كىرىم قىلدىم.» دېدى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسى كۆلدىنەڭ بازىرى ئارال كەنتى ئاھالىسى لەن گوياڭ مالىنا ئۈزۈش بېغىدا بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرگە مالىنالارنى جىڭلاپ بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا.

مۇخبىر بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى مالىنا دەرىخىدە چوڭ-كىچىك زىچچىدە ئۆسكەن مالىنالارنى كۆردى. لەن گوياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 38 مو يەرگە ئۆستۈرگەن مالىنا 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ،ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ مالىنا ئۈزىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ۋە كەنتتىكىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن.

لەن گوياڭنىڭ بېغىدىكى سېرىق مالىنا، قىزىل مالىنا ۋە قارا مالىنا ھەر يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىنباشلاپ ئۈزۈلۈشكە باشلاپ، تاكى 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، ھەر كۈنى 40 تىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. مۇخبىرنۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېۋەت، يېڭى ساقلاش قۇتىسىنى ئېلىپ كېلىپمالىنا ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈزۈش باغچىسىسىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ يېزا-بازار ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى جايى بولۇپ قالدى.

«كەنتتە تۇرۇشلۇق <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى بار، ئۇلار ماڭا يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ چوڭ ياردەم قىلدى. مېنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنىم جېڭىس جامالىدىنمۇ دائىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ، شۇڭا مەن بەك خاتىرجەم.» دېدى لەن گوياڭ ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا مىننەتدار بولغان ھالدا.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى لەن گوياڭنى ئىلغار تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپلاقالماي، يەنە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، دېھقان-چارۋىچىلارنى مالىنا ئۈزۈشكەسەپەرۋەر قىلىپ،ھەر تەرەپتىن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى ئىزدىدى.

لەن گوياڭ مۇنداق دېدى: گەرچە جاپالىق ئەمگەك قىلغان بولساممۇ، لېكىنقەلبىم ئىللىقلىققا تولدى.