كۆكتوقاي ناھىيەسى: ئاھالە كومىتېتى مېھىر-مۇھەببەتكە تولدى، بايرام بىرلىكتە تەبرىكلەندى

日期:2019年09月16日
来源:天山网
【字体:

جۇڭچيۇ بايرىمىدا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى قۇئېرتىش بازىرى سەرجان شەرقىي يولى ئاھالەكومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، ئاھالە كومىتېتىدىكى كادىرلار ۋە شۇ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە يۆبىڭ ياساپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

كۆپچىلىك ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، قورۇمىلارنى تەييارلاپ، يىغىن زالىدىكى ئۈستەلنى يۆبىڭ، پولۇ، سېرىق ئاشكاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملار بىلەن لىق تولدۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاھالە كومىتېتىدىكى كادىرلار بىلەن ئاھالىلەر ئۇسسۇل، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، دېكلاماتسىيە، خەتتاتلىق قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتتى ھەم جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەھەللىدىكى قوشنىلار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرگەئاھالە كومىتېتىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىدىكى قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى.