شايار ناھىيەسى: ئۆي جاھازلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2019年09月16日
来源:新疆日报
【字体:

«كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياخشى، ئۆيگە يېقىن بولۇپلا قالماي، تاپقان پۇلىمىزمۇ ئاز ئەمەس، يەنە بىر ھۈنەر ئۆگىنەلەيمىز، خىزمەت ئەترىتى يەنە بىزگە ھەقسىز تېخنىكائۆگەتتى، مەن ھازىر ئايدا 1500 ~ 2300 يۈەنگىچە مائاش ئالالايمەن، كۈنلىرىم كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.»دېدى، شايار ناھىيەسى سەككىز ئوتاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇكەرەم بەكرى خۇشال ھالدا.

شايار ناھىيەسى ئۇرۇقلۇق باشقۇرۇش پوتكىتىنىڭيېڭىمەھەللە بازىرى سەككىز ئوتاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، مەبلەغ كىرگۈزۈپ، كەنتتە ئۆي جاھازلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ھەمدە ئۆي جاھازلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، <كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە> ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

«ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 26 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىن 16 ئادەم بار، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئەزانىڭ يىللىق كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى. كېينكى قەدەمدە، بىز ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇقىم كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.» دېدى كەنت 1-شۇجىسى ئۆمەر نايىپ.