خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرگە ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش ياخشى جايى ھازىرلاپ بەردى

日期:2019年09月06日
来源:天山网
【字体:

كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش، ئۇسسۇل ئويناش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزىگىلا «جەم»بولدى... 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىكرايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىيالى مەھەللىسى ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرىگەمەنسۇپ«ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش ئائىلىسى» بار بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى سېمونت زاۋۇتى كوچىسى 223-نومۇردىكى يۈەنياڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ مەھەللىدەتۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتى مەبلەغ چىقىرىپ بەرپا قىلغان. پائالىيەت مەركىزىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەت ئۆيى، پىدائىيلار پىراكتىكا بازىسى، ئەخلاق دەرسخانىسى، تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى، ئۇسسۇل مەشىق قىلىش ئۆيى قاتارلىق 10 ئېغىز ھەر خىل فۇنكىسىيەلىك ئۆيبولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.

ئاھالىلەر مەھەللە ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزىدە دامكائوينىماقتا.

ئاھالىلەر ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنمەكتە.

مەھەللە ئاھالىلىرى مەھەللەئاممىۋى پائالىيەت مەركىزىدىكى كۇتۇپخانىدا ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان كىتابلارنى تاللىماقتا.