قاغىلىق ناھىيەسى: يوللار «چىرايلىقلاشتى» ، بەخت «كۈلۈمسىرىدى»

日期:2019年09月05日
来源:天山网
【字体:

 «بۇ يول <چىرايلىق> ھەم قولاي بولدى» دېدى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يىتىملىقۇم يېزىسى يالغۇزباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇراخمان تۇرامەت كەنتتىكى يېڭىدىن ياسالغان يولنى تىلغا ئېلىپ.

بۇرۇن، كەنتتىكى يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى، يامغۇرلۇق كۈنلەردە پاتقاق يولغا ئايلىناتتى،ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كىشىنىڭ ئۈستى - بېشى توپا - چاڭ بولۇپ كېتەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى: يوللار راۋانلىشىپ قولايلاشتى، پاكىز ھەم رەتلىك، يول بويىغا يەنە تېخى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلدى.

شىنجاڭ داشۆنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتى ئۆيلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كونا يولنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا زور قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى چەكلەپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇپ ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، كۆپ تارماقلارنىڭ تۈر مەبلىغى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2.5 كىلومېتىر ئاسفالت يول ياسىدى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك 31 يول چىرىغىئورناتتى، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىلدى.

ــ ياتقۇزۇلغىنى يول، تۇتاشتۇرۇلغىنى يۈرەك، ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى بەختنى يورىتىدىغان چىراغ، ــ دېدى 54 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى داۋۇت زاھىت، ــ بۇ بىر قانچە يىلدا كەنتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، بۇنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.