باي ناھىيەسى: قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنى داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى

日期:2019年09月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار بىر مەيدان ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كەنتتىكى بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئۆتكەن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى ئابىزەم ھۈسەننىڭ ئوقۇشىغا ئىئانە توپلىدى.

پائالىيەتتە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جىچياڭئابىزەم ھۈسەننى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، جاپالىق قان تەرى بىلەن كىشىلىكغايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇرتقا،جەمئىيەتكە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

«خىزمەت ئەترىتىدىكى ئاكا - ھەدىلەرگە رەھمەت، سىلەر ئىمتىھاندىن بۇرۇن ماڭا دەرس تەكرارلاپ بېرىپلا قالماي، ھازىر يەنە ماڭا ياردەم بېرىپ، مېنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردۇڭلار، داشۆدە ئوقۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى! مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىم، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىقىمنىبىلدۈرىمەن، كەلگۈسىدە يۇرتۇمغا، ۋەتىنىمگەتۆھپەقوشىمەن.» دېدى ئابىزەم.