ئۈرۈمچى: خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدە يازلىق تەتىللىك سىنىپ ئاچتى

日期:2019年08月02日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، پراكتىكانت مۇخبىركاڭ يۆ خەۋىرى: «بالىلار، ماقالە يېزىشنىڭ ئالتە ئامىلى قايسىلار؟» «ۋاقىت، ئورۇن، شەخس ...» 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى باجياخۇ مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىشىمىگۇ رايونلۇقمائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شۈ يىڭ يازلىق تەتىللىك سىنىپقاقاتناشقان 30غا يېقىن ئوقۇغۇچىغا ماقالە يېزىش توغرىسىدا دەرسسۆزلىمەكتە. مەھەللىدە يازلىق تەتىللىك سىنىپ بارلىقىنى ئاڭلىغاننۇرغۇن ئاتا-ئانابەس-بەستە كېلىپ مەسلىھەت سورىدى ۋە تىزىملاتتى.

بۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ قۇرغان يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسى بولۇپ، كۇرستا تاپشۇرۇققا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسى، ماقالە يېزىش دەرسى، ناخشا-مۇزىكا دەرسى، رەسىم سىزىش دەرسى قاتارلىق دەرسلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلىش، قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.

ماقالە يېزىش دەرسلىكىدە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىشۈ يىڭماقالە يېزىشتىكى مۇھىم ئامىللاردىن تۈرلۈك يېزىقچىلىق ئۇسۇللىرىغىچەتوختىلىپ،ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىجاڭ زىخەن مەھەللىدىكىيازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسىدا ماقالە يېزىش سىنىپىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەنبۇنىڭغا قاتناشتى. «بۇ يەردە نۇرغۇن كىچىك دوستلار بىلەن تونۇشالايمەن، يەنە ماقالە يېزىش بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيمەن، مەن بەكلا ياخشى كۆردۈم» دېدى جاڭ زىخەن.

«ھازىرغا قەدەر، يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسىغا 100دىن ئارتۇق بالا قاتناشتى، تەخمىنەن ھەر بىر سىنىپتا 30تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار، كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە باشقا قىزىقىش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈپ، بالىلارغا بىلىم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىمىز.» دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يوۋ چېڭكۇن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش ئۆز ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە ھەقىقىي ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر.»