باي ناھىيەسى: 100 مىڭ دانە نامراتلارنى يۆلەش قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

日期:2019年07月29日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، باي ناھىيەسى قاراباغ يېزىسى كۆتەكتۇر كەنتىدە، 100 مىڭ دانە نامراتلارنى يۆلەش قارامور باكتىرىيە تاياقچىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. قاتار-قاتار، رەتلىك تىزىلغان زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنىڭ ئۈستى چوڭ-كىچىك قارا مورلار بىلەن تولغان ئىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت» كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى يىغىۋېلىش، ئاپتاپقا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە شەكىللەندى.

ئىگىلىنىشچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + كوپىراتىپ + نامرات ئاھالە» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 200 مىڭ يۈەنلىك قارامور ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تېرىقچىلىق تۈرىدىن پايدىلىنىپ، قارامور كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھەمدە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى پۈتۈن مۇساپىدە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.