ساڭبو مەھەللىسىدە بىر «خالىس مۇھىت ئاسراش ئەترىتى» بار

日期:2019年07月24日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ساڭفاڭگوۋ تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساڭبو مەھەللىسىدە، بىر «خالىس مۇھىت ئاسراش ئەترىتى» بار، ئۇلار ئاساسەن ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئەخلەت خالتىسى كۆتۈرۈپ، مەھەللە ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا بېرىپ ئەخلەت تېرىدۇ، تازىلىق قىلىدۇ.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 10 لاردا، ئۇلار 40 نەچچە ئادەم ساڭبو مەھەللىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلدى، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بەزىلىرى ئەخلەت خالتىسى كۆتۈرۈپ يېقىن ئەتراپتا ئەخلەت تەرسە، يەنە بەزىلىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى تازىلاپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھىت ئاسراش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.

ساڭبو مەھەللىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى دۆلەت يولى 312-لىنىيەسىگە يېقىن بولۇپ، ئەتراپتا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى بىر قەدەر كۆپ، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىمۇ كۆپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە بۇ جايدا يىل بويى بوران چىقىدىغان بولغاچقا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە بوران ئۇچۇرۇپ كەلگەن سولياۋ، كېرەكسىز قەغەز، ياۋا ئوت-چۆپ قاتارلىق ئەخلەتلەر يىغىلىپ قېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇ يىل 1-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-يېزىلارنى پىلانلاش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساڭبو مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەتراپتىكى ئاھالىلەر، دۇكان تىجارەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، بىر «خالىس مۇھىت ئاسراش ئەترىتى» قۇردى. قىش پەسىلىدە، ئەترەت ئەزالىرى يولدىكى قارلارنى تازىلىدى. ئەتىياز، ياز كىرىشى بىلەن ئەترەت ئەزالىرى ھەر ھەپتىدە ۋاقىت چىقىرىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىدى.

ئاھالە جاڭ سىلۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر مەھەللىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يوللار بارغانسېرى پاكىز بولۇپ كەتتى، يوللار تەكشىلەندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىت ئاسراش ئەترىتىنىڭ كۆپچىلىكنى باشلاپ بىرلىكتە تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەنمۇ مۇھىت ئاسراش ئەترىتىگە قوشۇلۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە مۇھىت ئاسرايمەن.»