شايار ناھىيەسى : «يېزا-كەنت مەدەنىيىتى بايرىمى» يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بەردى

日期:2019年07月19日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش» تېمىسىدىكى «يېزا-كەنت مەدەنىيىتى بايرىمى» پائالىيىتى شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى جۇڭشياۋ مەدەنىيەت مەيدانىدا باشلاندى.

پائالىيەت مەيدانىدا، شايار ناھىيەسى قايلور بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەمدە مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا كىرىپ، «يېزا-كەنت مەززىلىك تائاملار جەمگاھى» پائالىيىتىگە قاتناشتى، قايلور پولۇسى، سامسا، كاۋاپ، داپەنجى، لەغمەنلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچاتتى.

قايلور بازىرى چاڭگاتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غوپۇر ئېزىز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ئەسلىدە بۈگۈن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىناي دېگەن ئىدىم، خىزمەت ئەترىتى مېنى پولۇ ئېتىپ ھۈنىرىمنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى، كېيىن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە پۇل تاپتىم، ئەتىگەندە قىسقىغىنە ئۈچ سائەتتە 1500 يۈەن كىرىم قىلدىم، خىزمەت ئەترىتى ماڭا پۇل تېپىش ئىشەنچى بەردى، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.»