ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: «كۆكتات سېۋىتى» دېھقانلارنى مول ھوسۇلغا ئىگە قىلدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

日期:2019年07月16日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى يابېشى كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كەنت دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى بولغان «بىر سېۋەت كۆكتات» قۇرۇلۇشى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شىنجاڭ داشۆسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسىنىڭ يابېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، يابېشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بارا-بارا كۆكتات تېرىقچىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ ھەم يانچۇقى تومپايدى.

بۇ يىل، خىزمەت ئەترىتى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كەنت پارتىيە ياچېيكىسى + نامرات ئاھالە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، زاكازلىق تېرىقچىلىق، ئەڭ تۆۋەن قوغداش باھاسىدا سېتىۋېلىش، ئۈنۈم بويىچە پايدا تەقسىملەشنى يولغا قويۇپ، كۆكتاتلارنى سېتىش يولىنىڭ بولۇشىغا، سېتىش باھاسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.