يېقىندا، چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسى باش كېچىك كەنتىدىكىپارنىكتاكۆكتاتلاردىنمول ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى ئۈزۈشۈپ بەردى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچەكەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ھەمدە كۆكتاتچى دېھقانلارنىئۇدا ئۈچ يىل كۆكتات مايسىسى ۋە تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. كۆكتاتنى سېتىپ چىقىرىشخىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىپارتىيە ياچېيكىسى 20 دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئەتراپىدا ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى قەرەللىك ھالدا كىچىك بازار ئېچىپ، 30دىن كۆپ يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە سودا سۇپىسى قۇرۇپ بېرىپ، سېتىشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىقكىرىمنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.